ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
22:49:43 2024-05-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

شامال ئېلېكتىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ۋە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىنى سىجىل مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، نۇقتىلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش، شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىش، كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى نەق مەيداندا پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل تۈردە يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئۇنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىنجاڭ شۇاڭجيې يېڭى ئېنېرگىيەسى جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسىدا كارخانىنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ھەم مورىدا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان قىسمەن شامال ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شۇاڭجيې يېڭى ئېنېرگىيەسى، دۇڭفاڭ شامال ئېلېكتىرى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكىسى، تەيشېڭ شامال ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەت تۆت شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش كارخانىسىغا بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا كىرىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، شامال گېنېراتورى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي كارخانىلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە قويۇپ بېرىلگەن جابدۇق ئېھتىياجىنى پائال ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئىقتىدارى ۋە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپنى يۈرۈشلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك.

5- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، نۇقتىلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ دۇڭفاڭ شامال ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، شامال گېنېراتورى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، مورىنىڭ جەنۇبى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە خۇاديەن كاربون (IV) ئوكسىدى ئارقىلىق ھاۋانى قىسىپ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى ۋە شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، مورىدا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان قىسمەن شامال ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە «قوش كاربون» خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، سالماقنى زورايتىپ پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، شامال ئېلېكتىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەل رايونلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، تېز قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، كەسىپ كۆلىمىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر قاتارلىق كۆپ خىل ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاپ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر تورى سىستېمىسىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيە تەمىنات سىستېمىسىنى كۈچەپ ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، سىجىل تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، شامال ئېلېكتىر كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزىرىشىغا، ئىشلەپچىقىرىش، ياسىمىچىلىقتىكى نۇقتىلىق ھالقىلارنىڭ يەرلىككە قاراپ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، دىققەتنى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ سىجىل كۈچەپ، كەسىپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى كۆلەملەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجىغا پائال ئۇيغۇنلىشىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزم جەھەتتە ھاياتىي كۈچنى قويۇپ بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى تېز ماكانلاشتۇرۇپ قۇرۇش، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدە، ما شىڭرۇي يەنە فۇكاڭ شەھىرىگە كېلىپ، شىنجاڭ جۇڭتەي مېتاللورگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈردى، كارخانىنىڭ تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، پايدا يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىجىل ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى؛ فۇكاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش، تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ قويۇپ بېرىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، كوكۇس كۆمۈرى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاش- ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125