«19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا باشلاندى
10:29:15 2024-05-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو) 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، 14- قېتىملىق جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بەيشاشەن تېغى- بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. باشلىنىش مۇراسىمىدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت چوڭ فىلىمى «پامىردىكى ئۇچرىشىش» ئېلان قىلىنىپ، ساياھەت تونۇشتۇرۇش، ۋىۋىسكا بېرىش، كېلىشىم ئىمزالاش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى.

بۇ يىللىق جۇڭگو ساياھەت كۈنى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «جۇڭگونى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش، بەختلىك تۇرمۇش». شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئارتۇقچىلىقىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرىدىغان، كۈچ- قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىستىقبالى پارلاق بولغان مۇھىم ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

 قارلىق تاغ ئاستىدا، بەيشاخۇ كۆلى بويىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ رۇڭ فوتوسى

شۇ كۈندىكى باشلىنىش مۇراسىمىدا، دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانما رايونى، مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، قار تېيىلىش ساياھەت ئارامگاھى، ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ھەم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى، ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى نامىغا ئېرىشكەن ئورۇنلارغا ۋىۋىسكا بېرىلدى. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئون ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن مەدەنىيەت- ساياھەتنى تەۋسىيە قىلغۇچىلار ئۆز جايىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى نەق مەيداندا تونۇشتۇردى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئون ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ رۇڭ فوتوسى

جۇڭگو ساياھەت كۈنى مەزگىلىدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى يەنە «پامىردىكى ئۇچرىشىش»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ھېس قىلىش، مال سېتىش ماھىرلىرى كوئېنلۇن كۆرگەزمىسىنى ئايلىنىش، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى بۆلىكىدىكى يولغا چىقىش مۇراسىمى، بۈركۈت مەدەنىيىتى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنى مۇسابىقىسى ھەم شىنجاڭ (جەنۇبىي شىنجاڭ) ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىش ساياھىتى − ئاقتۇ ناھىيەسى مەنزىرە رايونى لىنىيەسىگە بېرىش، غەربىي قۇتۇپ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ساياھىتى لىنىيەسىگە بېرىپ چارلاش، پامىر كېچىسى − دالىدا قونۇش يىغىلىشى، پورتلارغا بېرىپ شىنجاڭنى كۆرۈپ ھېس قىلىش پائالىيىتى، مەن ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدايمەن ناملىق چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مۇراسىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئارقا- ئارقىدىن باشلىدى.

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئىقتىساد ۋە سودا مىنىستىرلىقى نارىن رايون مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ئالبايېف ئۇلان ئاكېربېكېرېۋىچ تەكلىپ بىلەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى يېڭى پۇرسەت، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئەزەلدىن «تاغلىق ئوبلاست» «جۇڭگونىڭ غەربىي قۇتۇپى» «بۈركۈت ماكانى» قاتارلىق گۈزەل ناملىرى بار، ئاتۇشتىكى تيەنمېن، بەيشاخۇ كۆلى، مۇجى يانار تاغ ئېغىزى قاتارلىقلار شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالقىشلىق بەلگىسىگە ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125