يېزا- كەنت بازىرىدا مەدەنىيەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
10:38:31 2024-05-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىگې يوۋجۈن

4- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھىرىنىڭ داشىچۈ بازىرى يۈتاڭ كەنتىدىكى 62 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ما شىن ئۆيىدە ئۈستباشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزەشتۈرۈپ، داشىچۈ بازىرىدىكى بازارغا قاراپ ماڭدى. «بۈگۈن ياخشى ئويۇن بار!» دېدى ما شىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

بازاردا ئادەملەر مىغ- مىغ ئىدى، قىزىل، كۆك رەڭ ئارىلاش لاپاسلار رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك تاۋارلار كۆزنى چاقنىتاتتى، خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ما شىن بازاردا بىرنەچچە قەدەم ماڭمايلا، بازارنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭىدىن ياسالغان سەھنە ئۇنى جەلپ قىلدى، ئۇ كىشىلەر توپىغا ئەگىشىپ سەھنە ئالدىغا كەلدى.

سائەت 11دە، بازار ياڭراق داقا- دۇمباق ساداسى ئىچىدە ئېچىلدى. ئارقىدىنلا شاد- خۇراملىققا چۆمگەن ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى كەينى- كەينىدىن ئورۇنلاندى. شۇ كۈنى سانجى شەھىرى بۇ جايدا «سانجىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش . بەختتىن خۇشال- خۇرام بەھرىلىنىش» − سانجى شەھىرى 2024- يىللىق مەدەنىيەت چوڭ بازىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى بازار پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.

ياخشى نومۇرلار كەينى- كەينىدىن ئورۇنلاندى، ما شىن بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھۇزۇرلاندى. شىنجاڭنىڭ ئەلنەغمە تىياتىرى «شياۋفاڭنيۇ» سەھنىدە ئورۇنلانغاندا، ئۇمۇ ناخشىغا ئەگىشىپ بوش ئاۋازدا جور بولدى.

«ئىلگىرى بۇ بازاردا ئاساسلىقى مېۋە- چېۋە، كۆكتات، گۆش، تىرىك ئۆي قۇشلىرى ۋە خاس ئۇششاق يېمەكلىكلەر، يەنە بىر قىسىم كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىلاتتى. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بازاردا ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈشۈم، يەنە شۇنچە كۆپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بار ئىكەن، ھازىر بازار بارغانسېرى قىزىيدىغان بوپتۇ» دېدى ما شىن.

داشىچۈ بازىرىدىكى بازاردا ھەر پەيشەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى بازار بولىدۇ.

ما شىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شارائىتىمىز چەكلىك ئىدى، بازار ئايلانغاندا بىر قىسىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋالغاندىن باشقا، يەنە ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تېتىپ كۆرگەچ بازارنىڭ ئاۋاتلىقىنى تاماشا قىلاتتۇق.

«ھازىر كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارغاچقا، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى.» داشىچۈ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شۆ جىيىڭ مۇنداق دېدى: ئادەم كۆپ، مەيدانى كەڭ بازار تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالدى.

بازاردىكى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدىكى بىر يايما ئورنى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى: بىر ياش رەسسام رەسىم تاختىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ تېزلىك بىلەن رەسىم قەلىمىنى ئوينىتىپ، بىردەمدىلا بىر پارچە ئادەم رەسىمىنى قەغەز يۈزىدە نامايان قىلدى. بىر چەتتە «مودېل» بولۇپ ئولتۇرغان يۈتاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پات- پات رەسىم تاختىسىغا قاراپ قوياتتى، چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بۇنى كۆرۈپ ئۆزلۈكىدىن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرماقچى بولدى.

كۆپچىلىكنىڭ رەسىمىنى ھەقسىز سىزىپ بېرىۋاتقان كىشى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ لۇ ئىدى، ئۇ ئاساسلىقى گۈزەل سەنئەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئادەتتە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە دائىم قاتنىشىدۇ. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بازاردا باشقىلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بېرىشىم، كۆپچىلىكنىڭ رەسىمىنى قولىغا ئالغاندىكى قانائەتلەنگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. كېلەر قېتىم بازار كۈنى يەنە كېلىمەن» دېدى ۋاڭ لۇ.

مەرۋايىتجان يۈسۈپ كاۋاپدىنى ئالدىدا تۇرۇپ، كاۋاپلارنى ئالدىراش ئۆرۈگەچ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى سۆزلەۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ئىش ئىزلارنى زەن قويۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئاڭلاۋېتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئولاشتى، كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقاچ دەرھال يېشىنى سۈرتۈۋالدى. «شامال سەل كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇۋاق لازا كۆزۈمگە كىرىپ كەتتى» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

شۇ كۈنى بازارغا كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەرۋايىتجاننىڭ كاۋاپدىنى ئالدىدا خېرىدارلار ئۈزۈلمەيتتى. «ئالدىراشچىلىقتا سەھنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈش پۇرسىتىمۇ بولمىدى، پەقەت ئاۋازنىلا ئاڭلىدىم.» ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئەپسۇسلۇق چىقىپ تۇراتتى، ئەمما ئۇنىڭ چېھرىدىن كۆڭلىدىكى خۇشاللىق بىلىنىپ تۇراتتى، «بازاردا ئادەم قانچە كۆپ بولغانسېرى، سودام شۇنچە ياخشى بولىدۇ، بۈگۈن ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا 1000 يۈەندىن كۆپرەك سودا قىلدىم، بۇنداق مەدەنىيەت بازىرى پائالىيىتىنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

بازارنى ناخشا ئاۋازى، ئالقىش سادالىرى قاپلىدى، ئۇنىڭغا يەنە خېرىدار چاقىرىش ئاۋازى، خۇشال كۈلكە سادالىرى قوشۇلۇپ كەتكەنىدى. يۇرتداشلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، ئاساسىي تېمىلىق لېكسىيەنى ئاڭلىدى، پەن- تېخنىكا بىلىملىرىدىن مەسلىھەت سورىدى، خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى، كۆڭلىدىكى بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. مانا بۇ يېزا- كەنت بازىرى، ھەم قويۇق قاينام- تاشقىنلىق كەيپىيات بار، شۇنداقلا ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان «مەدەنىيەت كەيپىياتى» بار.

«بۈگۈن بىر ياخشى باشلىنىش بولدى، كېيىنكى قەدەمدە بىز تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، مەدەنىيەت باشلامچىلىرى، شۇنداقلا كەسپىي ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مەدەنىيەت دارېنلىرىنى تەشكىللەپ، بازاردا دائىم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان، ئىللىقلىققا تولغان، ئىدىيەۋىلىككە ئىگە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزىمىز» دېدى شۆ جىيىڭ.

دەۋر ئۆزگەردى، يېزا- كەنتلەر يېڭى تۈس ئالدى. يېزا- كەنتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ماددىي بايلىقتىن قانائەتلىنىپلا قالماي، مەنىۋى جەھەتتىكى باياشاتلىققا تېخىمۇ ئىنتىلىدىغان بولدى. يېزا- كەنت بازىرىدا كۆتۈرۈلگەن مەدەنىيەت دولقۇنى دەل بۇ خىل دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ كارتىنىسىدۇر.

«يېزا- كەنت بازىرى ئەمدى ئاددىي ھالدىكى سودا بازىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان جايغا، مەدەنىي يېزا ئىستىلى تەسىر كۆرسىتىدىغان مەيدانغا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى يېڭى شادلىق باغچىسىغا ئايلانماقتا» دېدى سانجى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى لى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125