ئالدىنقى تۆت ئايدا تارىم نېفىت خىمىيەسى چوڭ دانىچىلىق ئورىياسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئاشتى
11:57:52 2024-05-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ چوڭ دانچىلىق ئورىيا تەييار مەھسۇلات ئامبىرىدا ئىشچى يۈك ئاپتوموبىلىغا يۈك باسماقتا.

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) 5- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا جىددىي، ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ خىمىيەۋى ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.

 ھازىر تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل، تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىرىكمە ئاممىياك ۋە چوڭ دانچىلىق ئورىيا ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى، ھەر كۈنى 100گە يېقىن چوڭ تونناژلىق يۈك ئاپتوموبىلى تەييار مەھسۇلات ئىسكىلاتىدا ئوغۇت بېسىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ دانچىلىق ئورىيانىڭ سېتىلىش مىقدارى %55.7ئاشتى.

 كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان، سېلىنما سوممىسى 2 مىليارد 930 مىليون يۈەنگە يەتكەن تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر چوڭ دانچىلىق ئورىيا ئىشلەپچىقىرىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇت كارخانىسى بولۇپ، يىلىغا 450 مىڭ توننا بىرىكمە ئاممىياك ۋە 800 مىڭ توننا چوڭ دانىچىلىق ئورىيا ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەھسۇلاتلىرى بازارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئورىيا ئوراش- قاچىلاش سېخىدا مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ چوڭ دانچىلىق ئورىيا تەييار مەھسۇلات ئامبىرىدا ئىشچىلار يۈك ئاپتوموبىلىغا يۈك باسماقتا.

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى باش كونترول ئۆيىدە ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى خادىملار مەھسۇلات ئەۋرىشكىسىنى خىمىيەلىك تەكشۈرمەكتە.

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125