ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى دۆلىتىمىزدىكى ھازىر ئەڭ ئالقىشلىنىۋاتقان ھەجۋىي رەسسام بەي چا(白茶)نىڭ «كۆزۈڭگە سىغمىغان ھەم مېنى ھېچنېمە قىلالمىغان ھالىتىڭنى ياخشى كۆرىمەن» ناملىق يۈرۈشلۈك ھەجۋىي رەسىملىك كىتابىنىڭ 1- قىسمىدىن 3- قىسمىغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ خەنزۇ- ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى نۇسخىسى يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق بازىسى)، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا سېلىندى.
«كۆزۈڭگە سىغمىغان ھەم مېنى ھېچنېمە قىلالمىغان ھالىتىڭنى ياخشى كۆرىمەن»(就喜欢你看不惯我又干不掉我的样子) ناملىق يۈرۈشلۈك ھەجۋىي رەسىملىك كىتابتا «ۋۇخۇاڭ» ئىسىملىك تەكەببۇر، ھۇرۇن، ئەمما ئويۇنلىرى كۆپ مۈشۈك، «باجاخېي» ئىسىملىك ئوماق، قورقۇنچاق، ساددا ئىت، مۈشۈك ۋە ئىتنىڭ باققۇچىسى، شۇنداقلا، ھېكايىدىكى بايان قىلغۇچى شاۋنيەن قاتارلىق بىر نەچچە باش پېرسوناژنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار ۋەقەلىك قىلىنىپ، يۇمۇرىستىك ئۇسلۇب ئارقىلىق باش پېرسوناژ ۋۇخۇاڭ، باجاخېي ۋە شاۋنيەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەمدە باشقا ئەرمەك ھايۋانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھىر- مۇھەببەت، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان.
كىتابنىڭ ئاپتورى بەي چانىڭ ئەسلىي ئىسمى لياڭ كېدۇڭ (梁科栋) بولۇپ، ھەجۋىي رەسسام، كارتون ئوبراز «ۋۇخۇاڭ»، «باجاخېي»نىڭ ئاپتورى. توردا 40 مىليوندىن ئارتۇق مەستانىسى بار بولۇپ، جۇڭگو ھەجۋىي رەسىم ساھەسىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. «كۆزۈڭگە سىغمىغان ھەم مېنى ھېچنېمە قىلالمىغان ھالىتىڭنى ياخشى كۆرىمەن» ناملىق يۈرۈشلۈك ھەجۋىي رەسىملىك كىتاب ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ياشلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان ۋە «ئاسىيادىكى ياخشى كىتابلار» تىزىملىكىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. (ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل قادىر خەۋىرى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)