داڭلىق ماركىلىق زەنجىرسىمان چاي دۇكانلىرى قانداق قىلىپ تېز ئۆسۈپ يېتىلدى
11:40:10 2024-05-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن

يېقىندا، چېن شياۋيۈن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن فۇجيەنلىك سودىگەرلەرنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى باۋنېڭ شەھەرچىسى ئەتراپىغا جايلاشقان مېھمانسارايدا بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى پىنپىنشياڭ ئاق چېيى بايراقدار دۇكىنىغا كەلدى.

ئالدىن كېلىشىپ قويغان ئايرىمخانىغا كىرىپ، پۇرىقى تارىلىپ تۇرغان «شەيبەيجىن» ئاق چېيىنى بىر چەينەك دەملىدى، چېن شياۋيۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ پاراڭ تېمىسىمۇ فۇجيەن ئاق چېيىدىن باشلىنىپ، ناھايىتى تېزلا بىر- بىرىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى. چاينىڭ خۇش پۇرىقىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا قۇرۇلۇش سودىسى جەھەتتە دەسلەپكى قەدەمدە ھەمكارلىق مۇددىئاسى ھاسىل قىلدى.

«گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا كاماندىروپكىغا چىققاندا، ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز دائىم بىزنى داڭلىق ماركىلىق چاي دۇكانلىرىغا ئېلىپ بېرىپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ ئىككى يىلدا، ئۈرۈمچىدىكى كوچىلاردىمۇ نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق زەنجىرسىمان چاي دۇكانلىرى ۋە ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە چاي ئىستېمال سورۇنلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقىدىم.» شىنجاڭدا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چېن شياۋيۈن مۇنداق دېدى: تىنچ، ئازادە بولغان چايدىن ھۇزۇرلىنىش بوشلۇقىدىن سۈپىتى ئىشەنچىلىك چاي مەھسۇلاتلىرىغىچە، داڭلىق ماركىلىق زەنجىرسىمان چاي دۇكانلىرىنىڭ چاي ئىستېمال مۇلازىمىتى سودىگەرلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ماس كېلىپلا قالماي، يەنە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر بىلەن جەم بولۇپ، راھەت، يېقىشلىق چايدىن ھۇزۇرلىنىش مىنۇتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە ماس كېلىدۇ.

يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرىدە، داڭلىق ماركىلىق زەنجىرسىمان چاي دۇكانلىرى تېز ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە باما چايچىلىقى، پىنپىنشياڭ ئاق چېيى، تيەنفۇ داڭلىق چېيى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە زەنجىرسىمان داڭلىق ماركىلىق مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى بار.

ئىلگىرىكى تارقاق جايلاشقان كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك، تىجارەت تۈرلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن چايخانىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋات سودا چەمبىرىكىدىكى كوچا بويلىرىغا جايلاشقان، 300 كىۋادرات مېتىردىن 500 كىۋادرات مېتىرغىچە بولغان مەيدان كۆركەم بېزەلگەن بولۇپ، تاۋار كۆرگەزمە رايونى، نەپىس ئايرىمخانا، سودا يىغىن زالى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ ھەممىسى تولۇق. كەسىپ بويىچە تەربىيەلەنگەن خېرىدار باشلىغۇچى، چاي سەنئىتى ئۇستىلىرى كەسپىي چاي دەملەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە نەق مەيداندا چايدىن ھۇزۇرلىنىش ئۇسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«ئەينى چاغدا بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئېچىشنى تاللىشىمدا چاي ئىستېمال بازىرىدىكى بوشلۇق ۋە يوشۇرۇن كۈچنى كۆزدە تۇتقانىدىم.» پىنپىنشياڭ چايچىلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى مەسئۇلى گاۋيۈ بەيلىن مۇنداق دېدى: 2017- يىلى، پىنپىنشياڭ ماركىسى مەخسۇس پوكەيدە سېتىش شەكلىدە شىنجاڭ بازىرىغا كىردى، تىجارەت جەريانىدا، مەن تېخىمۇ كۆپ كونا خېرىدارنىڭ چاي ئىچىپ پاراڭلىشىدىغان ئازادىرەك سورۇننىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

بازار ئېھتىياجى تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. 2022- يىلىدىن باشلاپ، پىنپىنشياڭ چايچىلىقى ئارقا- ئارقىدىن ئۈرۈمچى خۇڭسەن سودا چەمبىرىكى، گاۋتيې تەۋەلىك رايونى سودا چەمبىرىكى، مېيجۈ سودا چەمبىرىكى قاتارلىق جايلاردا ئالتە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئاچتى. مۇخبىر بۇ داڭلىق ماركىنىڭ خېبېي يولىدىكى ھېس قىلىش سارىيىنىڭ 2- قەۋىتىگە كېلىپ، چاي مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى ئالدىدا پات- پات خېرىدارلارنىڭ كېلىپ تاللاپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، ئايرىمخانىلاردا چاينىڭ خۇش پۇرىقى، گۈل سەنئىتى، چىراغ نۇرى قاتارلىق ئېلېمېنتلار ئارقىلىق ئىللىق، تىنچ كەيپىيات يارىتىلغانلىقىنى كۆردى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى سۇڭ شيا ئوغلىنى ئېلىپ دوستلىرى بىلەن چايخانا رايونىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى. «مەن ۋە دوستلىرىم ئازادە چايخانىدا جەم بولۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز، ھەم تېپىلغۇسىز تىنچ مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلىنالايمىز، ھەم ساغلاملىق، كۈتۈنۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز» دېدى سۇڭ شيا.

لۇيۈەن كوچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «قەدىمىي چاي شەھەرچىسى» بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جايغا يەنىلا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چاي سودىگەرلىرى توپلىشىدۇ. جاڭ يىنچېڭ شىنجاڭ جىنشىن رۇيتەي سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، 2014- يىلى، ئۇ باما چايچىلىقىغا قوشۇلۇپ، لۇيۈەن كوچىسىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى دۇكىنىنى ئاچتى.

جاڭ يىنچېڭ چاي ماكانى فۇجيەن ئەنشىدىن كەلگەن بولۇپ، چاي ئىستېمال بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى بىرقەدەر سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باما چايچىلىقىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەردە كېڭىيىشى بىرقەدەر تېز بولدى، جاڭ يىنچېڭ ئۈرۈمچىدە چايچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە بارغانسېرى ئۈمىد باغلىدى، 2022- يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئارقا- ئارقىدىن چوڭراق كۆلەمدىكى بەش مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچتى.

بۇلتۇر 3- ئايدا، باما چايچىلىقىنىڭ ئۈرۈمچى لۈچېڭ مەيدانىدىكى دۇكىنىدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاندى. بىر يىلدىن بۇيان، مېيتۇەن يۈرۈشلۈك زاكازىدا، ئايرىمخانىلارنىڭ ئىككى كىشىلىكتىن تۆت كىشىلىككىچە بولغان 198 يۈەنلىك ئىككى سائەتلىك چاي بوشلۇقى ھېس قىلىش يۈرۈشلۈكىنىڭ يىللىق زاكاز مىقدارى 44 مىڭدىن ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، 3- تەرەپ كوللېكتىپ سېتىۋېلىش سۇپىسىدا، نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق زەنجىرسىمان چاي دۇكانلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان 100 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە بولغان كوللېكتىپ سېتىۋېلىش يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى ياخشى بولدى.

جاڭ يىنچېڭ مۇنداق قارىدى: چاي مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا كېلىپ ئىستېمال قىلىشنى تاللىغان كىشىلەر توپى چاي ئىچىشتىن باشقا، ئازادە بوشلۇق، كەيپىيات ۋە كەسپىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. لۈچېڭ مەيدانى دۇكىنىدا ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستېمال ئورۇن بېكىتمىسى قىلىنغان، ئاستى- ئۈستى ئىككى قەۋەتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 560 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نەپىس بېزەلگەن جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى بەش ئېغىز ئايرىمخانا ۋە چوڭ تىپتىكى بىر سودا يىغىن زالى تەسىس قىلىنغان، ئالىي دەرىجىلىك پۇئېر چېيى ئامبىرى خېرىدارلار ساقلاشقا بەرگەن چايلار بىلەن لىق تولغانىدى.

«كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىستېمال سۈپىتى، ئىستېمال مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشماقتا.» جاڭ يىنچېڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى نۇرغۇن ئىستېمالچى چاي ئىچكەندە چوڭ چاي كۇرۇشكىسىدا «قانغۇچە ئىچەتتى»، لېكىن ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشى «ھۇزۇرلىنىپ ئىچىش»كە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ئۇلار كەيپىيات تۇيغۇسىغا ئىگە ئىستېمال تەسىراتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.

مۇخبىر بازارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا يەنە داڭلىق ماركىلىق زەنجىرسىمان چاي دۇكانلىرىنىڭ ئىستېمال «ئاساسىي كۈچى» ئارىسىدا سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر توپىدىن باشقا، يەنە مودىغا، ساغلاملىققا ئىنتىلىدىغان ياش ئىستېمالچىلارنىڭ بارلىقىغىمۇ دىققەت قىلدى. ئۇلار زەنجىرسىمان دۇكانلاردىن ئۆزلىرى ئادەتتە ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان چايلارنى تاللاپ سېتىۋالىدىكەن، شۇنداقلا توك ئوچاقنى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ چاي قاينىتىش، چايخانىدا جەم بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ مودا جەمئىيەت ئالاقە شەكلىگە ئايلاندۇرۇپتۇ.

«ھازىر ياشلارنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر، چاي ئىچىش ئادەمگە راھەت بېغىشلايدۇ، ھەم كۈتۈنۈش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى مەريەم ئارمان مۇنداق دېدى: تور دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن 90- يىللاردا، 2000- يىللاردا تۇغۇلغانلار توپى زەنجىرسىمان داڭلىق ماركىلارنى تاللاشقا بەكرەك مايىل. پۈتۈن مەملىكەتتىكى بۇ خىل زەنجىرسىمان چاي دۇكانلىرىدا باھا ئاشكارا، بىرلىككە كەلگەن، سۈپەت مۇقىم، كاپالەتكە ئىگە، توردا ۋە تور سىرتىدا تاللاپ سېتىۋېلىش يوللىرى تولۇق بولۇپ، ئىستېمال جەريانىدا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

گاۋيۈ بەيلىن مۇنداق قارىدى: چايچىلىق كەسپى ئوبيېكتلىرى تېز سۈرئەتتە ياشلىشىۋاتىدۇ، چاي ئىستېمالى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، روھنى ئۇرغۇتۇش، سوۋغا قىلىش قاتارلىق ئېھتىياجلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى تەدرىجىي ھالدا بېسىمنى يېنىكلىتىش، جەمئىيەت ئالاقىسى قىلىش، ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت تۇرمۇش شەكلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭنىڭ چاي بازىرىغا ناھايىتى ئۈمىد باغلاپ، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن ئۈچتىن تۆتكىچە داڭلىق ماركىلىق بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئېچىشنى پىلانلاپتۇ، قەشقەر شەھىرى، قومۇل شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، نۆۋەتتە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنىۋېتىپتۇ.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سالىدىغان سودىگەرلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ كەسىپ ئۈستىدە كېڭىشىش، ئارام ئېلىپ چايدىن ھۇزۇرلىنىش ئىستېمال ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشتى» دېدى جاڭ يىنچېڭ.

تىجارەت- سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، 2023- يىلى، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان تىجارەت سۇبيېكتى 409 مىڭ بولۇپ، 2022- يىلىنىڭكىدىن %25 ئاشتى. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلىنىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا تىجارەت سۇبيېكتىدىن تەخمىنەن 2600ى يېڭىدىن كۆپەيدى.

بۈگۈنكى كۈندە، باما چايچىلىقى داڭلىق ماركىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا 95 ئىتتىپاقداش دۇكىنى بولۇپ، ئىلگىرى تارقاق چاي تىجارىتى قىلىدىغان نۇرغۇن كىچىك چاي دۇكىنى داڭلىق ماركا بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى، بۇ يىل ئىتتىپاقداش دۇكىنىنىڭ 100دىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇرۇپ، چاي ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتماقتا.

مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

ئىلگىرى «گۆشنى كۆپ يەيدىغان، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان» شىنجاڭلىقلار «چوڭ قاچىدا چاي ئىچىش» ياكى چوڭ چاي كۇرۇشكىسىدا چاينى «قانغۇچە ئىچىش» ياكى ئاشخانىدا غىزالانغاندا ئەنئەنىۋى قارا چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەنىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ئىستېمالچى مۇھىتى گۈزەل مەخسۇس چاي دۇكانلىرىغا كىرىپ، ئازادە مۇھىتتا چاينىڭ خۇش ھىدىدىن بەھرىلىنىپ، تەمى ئۇزاققىچە تىلدىن كەتمەيدىغان چايلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ. چاينى قانغۇچە ئىچىشتىن ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشكىچە، چاي ئىستېمال يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىش ئارقا كۆرۈنۈشى ھەم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ كارتىنىسى، ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنىڭ دەلىلى.

كىشىلەر كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سۈپەتلىك ئىستېمالغا بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئاشتى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ. يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە يۈزلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى تىجارەتچىلەر بازار ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، تەمىنات سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىناتنى يېڭىچە ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىستېمال تاللىشى بىلەن تەمىنلەپ، ئىستېمال تەسىراتىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125