چۈشەندۈرگۈچىلىك خىزمىتى ئۇنىڭ تارىخنى چۈشىنىش ئىشىكىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى
11:51:56 2024-05-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ

«مەن كىچىكىمدىنلا تارىخنى ياخشى كۆرەتتىم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەندە ئارخېئولوگىيە كەسپىنى تاللىماقچى بولغانىدىم، ھازىر مۇزېينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولدۇم، ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردۇم دېسەممۇ بولىدۇ.» ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي يۇرتى(مۇزېي)دا بەش يىل چۈشەندۈرگۈچى بولغان ما نەننەن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ۋە قانائەت ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2019- يىلى، رۇس تىلى كەسپىدە ئوقۇغان ما نەننەن شەندۇڭ جىنەندىكى مەلۇم بىر داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى ئاقسۇ شەھىرىگە قايتىپ كەلدى، بۇ چاغ دەل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي يۇرتى(مۇزېي)غا چۈشەندۈرگۈچى تەكلىپ قىلىشقا توغرا كەلگەنىدى، ئۇ يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

«يېڭى خىزمەتكە قاتناشقاندا، چۈشەندۈرۈش سۆزىنى پىششىق يادلىۋالساملا بولدى دەپ ئويلىغانىدىم.» بىر قېتىملىق چۈشەندۈرۈشتە، بىر كۆرۈرمەن كۆرگەزمە تاختىسىدىكى ئاز ئىشلىتىلىدىغان بىر خەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مەندىن قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىدى، «مەن گاڭگىراپ قالدىم، چۈنكى چۈشەندۈرۈش سۆزىدە ئاز ئىشلىتىلىدىغان خەتلەر ناھايىتى كەم ئۇچرايتتى، مەن كۆرگەزمە تاختىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن.» ما نەننەن مۇنداق دېدى: شۇ قېتىم جاۋاب بېرەلمەي ئوڭايسىز ئەھۋالدا قېلىپ، مۇزېي چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك كەسپىي ساپانىڭ چۈشەندۈرۈش سۆزىنى يادلاشتەك ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۆزۈم چۈشەندۈرمەكچى بولغان مەزمۇننى ئەستە چىڭ تۇتقاندىن باشقا، يەنە ئەتراپلىق ئىگىلەپ چۈشىنىش كېرەكلىكىنى بىلدىم.

ساياھەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەر خىل سوئاللارغا قارىتا، ما نەننەن ۋاقىت چىقىرىپ ماتېرىيال ۋە كىتابلارنى كۆرىدۇ ياكى مۇزېيدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ جەزملەشتۈرىدۇ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەلىللىگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈش مەزمۇنىغا تولۇقلايدۇ. يېڭى خىزمەتكە چىققاندا قولىغا ئالغان چۈشەندۈرۈش سۆزى ھازىر ئالتە- يەتتە نۇسخا ئالمىشىپ بولدى. «مەن ھازىر <شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى> ۋە <مۇزېيدىن جۇڭگو تارىخىنى چۈشىنىش> دېگەن ئىككى كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن، بۇلار ئاساسىي ئوقۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن خىزمىتىمگە كۆپ ياردىمى بار»، ما نەننەن مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدىكى تۇنجى تارىخ ئوقۇشلۇقى «5000 يىللىق تارىخ» ئىدى، ئۇ چاغدا «جۇڭگو تارىخى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە» دېگەن سۆزگە بولغان چۈشەنچەم خەت مەنىسى بىلەنلا چەكلەنگەنىدى، ھازىر ھەر كۈنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە كۆرۈرمەنلەر ئالدىدا، ئاندىن بۇ سۆزنىڭ ئارقىسىدىكى مەزمۇننىڭ جانلىق ھەم چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي يۇرتى(مۇزېي) يېڭى مۇزېيى 2017- يىلى 12- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل دولان دەرياسى بويىغا جايلاشقان. مۇزېيدا «ئاقسۇ تارىخ- مەدەنىيەت زالى» «شىنجاڭ قەدىمكى پۇل زالى» «ئاقسۇ تەبىئىي جۇغراپىيە زالى» ۋە «قىزىل كېمىدىن يولغا چىقىش ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىسى»دىن ئىبارەت تۆت دائىملىق كۆرگەزمە زالى ۋە باشقا رەقەملىك كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇزېيدا 10مىڭ پارچە (يۈرۈش)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 93 پارچە(يۈرۈش) ئەتىۋارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ساقلانغان، مۇشۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مەدەنىيەت- تارىخ قىياپىتىنى نامايان قىلدى، بۇ جاي ئاقسۇ ۋىلايىتى كۈچەپ بەرپا قىلغان «مەدەنىيەت مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»، شۇنداقلا پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ شىنجاڭ «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بازىسى.

ما نەننەن مۇنداق دېدى: ھازىر ساياھەتچىلىك ئاۋات مەزگىلگە كىردى، مۇزېيغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن بەزى ساياھەتچىلەر تۇنجى قېتىم «بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپ غەربىي يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغانلىقى» ھەمدە «قىزىل مىڭئۆي تاش غارىنىڭ قېزىلىش تارىخىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا تاش غارلاردىنمۇ بالدۇر ئىكەنلىكى»دىن ئىبارەت بىلىم نۇقتىلىرىنى بىلدى، «ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىغان چاغدىكى ھەيران قالغان ھالىتىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە پەخىرلىنىپ قالىمەن.» يەنە مۇزېينىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى − «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ ساپال ئىدىش»مۇ بار، ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىغىمى كۆرۈرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭدا 1.3 توننا ئاشلىق ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرانى قوغدىغۇچى سەركەردە- لەشكەرلەرنىڭ ئاشلىق ساقلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، «ساياھەتچىلەر ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىللە، تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشەنچىگە ئىگە بولدى».

مۇزېينىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋاقتىدىكى تور ۋە تور سىرتىدىكى كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن باشقا، ما نەننەن يەنە بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى مۇزېيلارغا بېرىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. نەنجىڭ مۇزېيىدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى مىس ئەينەكلەرنى كۆردى، شەندۇڭ مۇزېيىدا دەنكې قارا ساپال ئىستاكان ۋە دۇڭپىڭ خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقىدىكى تام رەسىملەردىن مەستخۇش بولدى، ياكى مايتاغ- كۇچا تاشيولى مۇزېيىدا كەسىپدىشىنىڭ قالتىس چۈشەندۈرۈشىگە مەپتۇن بولدى ۋە ئىلھام ئالدى... بۇ تەسىرات ۋە جوغلانمىلار بىلىپ- بىلمەيلا ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئوزۇق بولدى.

«قىزىقىشىم بويىچە خىزمەت قىلىش مېنىڭ بەختىم، بۇ خىزمەت مېنىڭ تارىخنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمگە بىر ئىشىك ئېچىپ بەردى، مەن ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن» دېدى ما نەننەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125