ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
21:22:04 2024-05-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى 

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى 

  ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك. زامانىۋى ساياھەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە خاسلىقىنى بېيىتىپ، سىجىل تۈردە ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي قاتلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ساياھەتچىلىكتە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركا ئوبرازى يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، «تەكلىپ قىلىش» بىلەن «سىرتقا چىقىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت- ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق، ياخشى سۆزلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە مۇلازىمەت قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى داۋامىدا ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ھەقىقىي تۈردە ساياھەتچىلىكنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل زىممىسىگە ئېلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ساياھەت قاتنىشى، دالا ئېكسپېدىتسىيەسى قاتارلىق تۈرلۈك خېيىم- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

 يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق مۇنبىرى»، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − رۇسىيە كۆرگەزمىسى، 33- نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا يازغان مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ۋە سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى ئىشچى- خىزمەتچىلىرىگە يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا، كەسىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ پىلانلاپ، ئىسلام دۆلەتلىرى، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى، ئەرەب دۆلەتلىرى قاتارلىقلاردىكى ھەر ساھە زاتلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇشقا پائال تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ئۇللۇق خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلەرنى تەقسىملەشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چەكلەش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ساپاسى ياخشى، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە يارىتىدىغان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئامما رازى بولىدىغان شىنجاڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.                

 يىغىندا مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بابمۇباب، ماددىمۇماددا، سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، دېلو مىسالى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيە ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىپ، بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى قەلبىگە پۈكمەسلىك، چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەۋھۇملاشتۇرۇۋېتىش، ئۆلۈك كۆچۈرۈپ كېلىش، يۈزەكى ئىش قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، «تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل» «يۇقىرى دەرىجىلىك قارا»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەقىقىي نامايان قىلىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، ئىنتىزام ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشتە نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى نەتىجە، يېڭى كەيپىياتنى گەۋدىلەندۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125