5- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ كۆرمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى ۋە خەۋىرى) خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، مودا كىيىملەرنى كۆرسىتىش، جىڭجۈ تىياتىرى ئويناش، ئەتراپتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەش ... 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى جەنۇبىي 1- تار كوچا 23- نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدىن دەممۇدەم كۈلكە ساداسى ياڭرىدى، غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى ياڭماۋخۇ مەھەللىسى بۇ يەردە «بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانار چېچەكلىدى» باش تېما قىلىنغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
5- ئاينىڭ 22- كۈنى، كىچىك دوست پائالىيەت نەق مەيدانىدا جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلىماقتا.
5- ئاينىڭ 22- كۈنى، كىچىك دوست پائالىيەت نەق مەيدانىدا «چىرايلىق خۇادەن»نى ئورۇنلىماقتا.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئاھالىلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا- ئۇسسۇل، ئىتوت، مودا كىيىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن جۇۋاۋا، زۇڭزا، ساڭزا، بوغۇرساق قاتارلىق مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئويۇنلاردىن ھۇزۇرلاندى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە كۈلكە پارلىدى. «قوشنىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك كۈلكە- چاقچاق قىلىشتۇق، مەن بۇ چاغدىن بەك ھۇزۇرلاندىم»، دېدى ئاھالە ئامىنەم سۇلتان.
5- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا مودا كىيىم نومۇرىنى كۆرسەتمەكتە.
5- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرىدىن مۇكاپاتلىق سوئال- جاۋاب بېرىشكە ئاكتىپ قاتناشماقتا.
پائالىيەت مەزگىلىدە «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» ئالىمجان مەتتوختى يەنە كۆپچىلىككە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، قوشنىلار ئىناقلىقى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەلىمى قاتارلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.
5- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى شوخ ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە.
5- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى شوخ ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە.
«ياڭماۋخۇ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقان، كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەھەللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن- ئاخىر ئەڭ چوڭ ئامما خىزمىتى دەپ بىلىپ، ئىناقلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى مەھەللە خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كۆپ مىللەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ياخشى مەھەللە مۇھىتى ياراتتى»، دېدى ياڭماۋخۇ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما شۆيەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)