شىنجاڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش كادىرلىرى مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە يىغىنى ئېچىلدى
20:19:49 2024-05-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش كادىرلىرى مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە يىغىنى ئېچىلدى

ما شىڭرۇي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ۋاڭ خۇڭجىن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش كادىرلىرى مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە يىغىنى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، يىغىندا مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىشخانا مۇدىرى ۋاڭ خۇڭجىن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش كادىرلىرى ھەم ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، ئىگىلىشى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش 8- نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۆ لى، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

 ۋاڭ خۇڭجىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش›› تېمىسىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، ‹‹كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆزىتىش- تەكشۈرۈشنى تۇتۇشنى <ئىككىنى قوغداش>تىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش›› ‹‹<بىرىنچى قول رەھبەر> ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە بولغان كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش›› ‹‹كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك، ئۆتكۈر قوراللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش››تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن چوڭقۇر، سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيەنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيەنى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئەتراپلىق ئىگىلەش، دەل جايىدا ئىگىلەپ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، تەلەپكە توغرىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ئۈزۈل- كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ‹‹ئىككىنى تىكلەش››نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىلىش ئارقىلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، تۈزۈم تەرتىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەكىل ۋە ئۇسۇلنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشى، ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئاپتونوم رايوندىكى ئورۇنلار، كارخانىلاردىكى ئالاقىدار يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125