پۇرسەتنى ئىگىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى كۆلەملىك، پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك
20:03:20 2024-05-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي تۇرپان شەھىرىدە شامال ئېلېكتىر قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پۇرسەتنى ئىگىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى كۆلەملىك، پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5- ئاينىڭ 24- كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسى، ئىدىقۇت رايونى، پىچان ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شامال ئېلېكتىر، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى كۆلەملىك، پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، يەرلىككە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

5- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي توقسۇن ناھىيەسىگە جايلاشقان داتاڭ توقسۇن شامال ئېلېكتىر مەيدانىغا كېلىپ، شۇ جايدىكى ھەرقايسى شامال ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ پىلانلىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 توقسۇن ناھىيەسىدە، ما شىڭرۇي تۇرپان شەھىرى ھەم ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم داتاڭ توقسۇن شامال ئېلېكتىر مەيدانىغا كېلىپ، شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى، شامال ئېلېكتىر مەيدانىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جايدىكى ھەرقايسى شامال ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ پىلانلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تۇرپان شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، بوشلۇقى چوڭ، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، سالماقنى زورايتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شامال ئېلېكتىرىنى مەركەزلىك تۇتاش ئېچىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، قۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى كۆلەملىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتى يۈزلىنىشىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ شامال ئېلېكتىرىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېلېكتىر تورىنى بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى تۇتۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ئىدىقۇت رايونىدا، ما شىڭرۇي تۇرپاندىكى شامال ئېلېكتىر ياسىمىچىلىقىغا ئالاقىدار كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كارخانىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، رايوننىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تەمىناتقا تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، كەسىپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى؛ تۇرپان سېننو يېڭى ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتال ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

5- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي پىچان ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ شەرقىي قىسىم خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، نەق مەيداندا ئالاقىدار تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ما شىڭرۇي يەنە پىچان ناھىيەسىدىكى خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش سېخى، ئورگانىك كىرېمنىي كونترول ئۆيىگە كىرىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت تەرەققىياتى ۋە تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، نەق مەيداندا ئالاقىدار تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ بايلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېشىل توكنىڭ رايون تۈۋرۈك كەسپى ۋە نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىگە تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈچەپ كۆلەمنى زورايتىپ، ئەمەلىي كۈچنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قويۇپ، شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى بازىلاشتۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، شامال ئېلېكتىر ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئېلېكتىر مەنبەسىگە تىرەك بولۇش، ئۇنى تەڭشەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزىرىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ، كارخانىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپ سىستېمىسى ۋە ياساش ئىقتىدارىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. سىستېمىلىق ئىستېمال قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئۆز جايىدا ئىستېمال قىلىش بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈپ ئىستېمال قىلىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستېمالى كاپالەت مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش، پايدىلىنىش ئاكتىپلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش، ئىستېمال سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھۋالى مۇرەككەپ، زىددىيەت گەۋدىلىك، خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتىش قىيىن بولغان جايلارغا كۆپرەك بېرىپ، ھەقىقىي مەسىلىنى ھەل قىلىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، خىزمەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىش، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125