يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەش كېرەك
22:20:05 2024-05-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، جەزمەن ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

5- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، ئۇ مۇنداق ئېنىق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىممەت يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەركىزىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك».

ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى قاراشتىكى ئاسارەتلەردىن قەتئىي قۇتۇلۇپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇشتىن خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشقىچە... ئىسلاھات قىسمەن ئىزدىنىش، مۇز يېرىپ بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قوشتى.

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت داۋامى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پەقەت داۋاملىشىدۇكى، ئاياغلاشمايدۇ. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا يۈزلىنىپ، جەزمەن ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلغاندىلا ۋە كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

«نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئېنىق تەلەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش باش تېمىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلمىي ئۇسۇل ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن بۇ باش نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىگە قادىلىپ تۈزىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى توسالغۇلار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش ۋە ئۇنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

قانچىكى ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئىجادىي ئىش بولسا، شۇنچە خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا تولغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، بىز چوقۇم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى شان- شەرەپ قۇچالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125