يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى چارۋىچىلىق ئىقتىسادىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، «باشلامچى» ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىللە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى پائال چىڭ تۇتۇپ، چارۋىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بېيىش يولىغا باشلىدى.
كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم بەكرى يېڭىسار ناھىيە ساغان بازىرى ئاقباغ كەنتىدىكى نامى بار باقمىچىلىق ماھىرى بولۇپ، ئۇ باقمىچىلىققا تايىنىپ بېيىپلا قالماي، يەنە باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. 5- ئاينىڭ 22- كۈنى ئابدۇقېيۇم بەكرىنىڭ باقمىچىلىق قوتىنىغا كىرگىنىمىزدە، مۇخبىر سىمېنتال كالىلىرىنىڭ يەم يەۋاتقانلىقى، ئابدۇقېيۇم بەكرىنىڭ بىر تەرەپتىن كالىلارغا يەم بەرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن كالىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆزىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.