يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك
10:41:48 2024-05-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 «ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم پىكىر يولى ۋە ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىدى.

 ئاساسىي زىددىيەتنى ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى ئالدىن ھەل قىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش بىزنىڭ ئىسلاھاتنى پىلانلىشىمىز، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزدىكى قىممەتلىك تەجرىبە. يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتتى، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھاتتىكى «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ھەم مۇھىم ساھە، مۇھىم ۋەزىپە، مۇھىم سىناق نۇقتىسىنى تۇتۇپ، ھەم ئاچقۇچلۇق ئاساسىي گەۋدە، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق تۈگۈننى تۇتقاندىلا، مۇھىم نۇقتا ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەش، ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ ئۈستقۇرۇلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، ماكرو ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش، شەھەر- يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.» ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتقاندىلا، باشقا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى كۈچلۈك تۈرتكە بىلەن تەمىنلىگىلى، باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل تۈردە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، ئەڭ تەخىرسىز ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتىمۇ دىققەتنى پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، تۇتقىنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مىڭلىغان تاغ- دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن يەنىلا تاغلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا بىرقاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، دىققەتنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش داۋامىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، مائارىپ، پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، سىياسىي، قانۇنچىللىق، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىشىمىز كېرەك، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرى، تەرەققىيات مۇھىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىغا زىت بولغان مەركىزىي نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەش جەھەتتە يەنە بەزى قىيىن نۇقتىلارنى تۈگىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغاندىلا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125