ھەرىكەت قىلماي، گۆش يەپلا ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟ بۇ ئۇسۇل ئازراقمۇ ساغلام ئەمەس!
18:46:08 2024-05-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېقىندا مېنىڭ بىر دوستۇم ئورۇقلىماقچى بولۇپ، ھەم سەيلە قىلىش ھەم يېمەك- ئىچمەكنى كونترول قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى. مۇشۇنداق قىلىپ يېرىم ئايدا ئون نەچچە جىڭ ئورۇقلىدى، نەتىجىدە بىر ئايدىن كېيىن ئۇنىڭدا ئورۇقلاش سەۋەبلىك ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا بولدى، ئورۇقلاش پىلانىمۇ تەبىئىيلا مەغلۇپ بولدى. مەن ئىشنىڭ جەريانىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ قوللانغان ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى نۇرغۇن كىشىنىڭ قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، بۇ «گۆش يەپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلاتتى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تاماقنى كونترول قىلمىسىمۇ، ھەم ھەرىكەت قىلمىسىمۇ بولىدىكەن، ئورۇقلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن. بۈگۈن بىز بۇ ئاتالمىش «گۆش يەپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى» توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايلى، زادى ئىشەنچلىكمۇ؟

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاتالمىش «گۆش يەپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى» يېڭىلىق ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە بىر «ئاتكىنس ئورۇقلاش ئۇسۇلى» دېگەن نامى بار. بۇنداق ئۇسۇلدا تاماقنى چەكلىمىسىمۇ، ھەرىكەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى چەكلەپ، گۆشنى كۆپ يېسىلا ئورۇقلىغىلى بولىدىكەن. بۇنداق ئىدىيە ئورۇقلاش ئېھتىياجى بار، ئەمما قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان، يېمەك- ئىچمەكنى كونترول قىلالمايدىغان نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى.

ئەمما، بۇنداق ئۇسۇل ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس، بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئورۇقلاشتا گەرچە بەدەن ئېغىرلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى تېزلا تۆۋەنلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، ئەمەلىيەتتە، باشقا تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق ئۇسۇلنىڭ يەنە ناھايىتى روشەن ئەكس تەسىرى بار، مەسىلەن، ئېغىز پۇراش، ئىچى سۈرۈش، چارچاش قاتارلىقلار، ئەگەر دىيابېت ئاغرىقلىرى بۇنداق ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا ئاسانلا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ تېجەشلىك ئېنېرگىيە مەنبەسى، دانلىق زىرائەتلەرمۇ ئاقسىل ۋە ۋىتامىن B1 قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مۇھىم مەنبەسى، شۇڭا ئاسانلىقچە ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ.

گەپنىڭ قىسقىسى، ئەمەلىيەتتە ئورۇقلاشتا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا «تاماقنى كونترول قىلىش، ھەرىكەت قىلىش»، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، تاماقنى زىيادە كونترول قىلىشتىن ساقلانغاندىلا، ئاندىن ساغلاملىقنى ساقلاش بىلەن بىللە، سەمرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125