قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| مۇھەببەتلىك قەغەز تۇرنا
18:42:33 2024-05-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياڭ لۇيۈەن 

 كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە، ھەمىشە ئەسلىمىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان گۈزەل شەيئىلەر ۋە ئىللىق دەقىقىلەر بولىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا ئەمدىلا چىقىپ كەيپىياتىم ئەڭ چۈشكۈن بولۇپ قالغان ۋاقتىمدا، ئاپام يانچۇقۇمغا سېلىپ قويغان چىرايلىق قەغەز تۇرنىنى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئۇ مۇھەببەت، ئىلھاملاندۇرۇش، سەمىمىي ئۈمىد ئىدى ... مەن ھەر قېتىم ئويلىسام، بىر خىل ئىللىق ئېقىم قەلبىمنى چۇلغىۋالىدۇ.

 مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمدا، ئاپام ماڭا قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ھەر كۈنى مېنىڭ ئوقۇشۇم ئۈچۈن باش قاتۇراتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئاپامنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، نەتىجەمنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن، ئاپام خۇددى خاسىيەتلىك ئادەمگە ئوخشاش، دائىم ئۆزىنىڭ ئالدىراش خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ۋاقىت چىقىرىپ مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە يېتەكچىلىك قىلاتتى. ئاپام ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلغاچقا، مەن ئائىلەمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. 

 مەن ئوقۇيدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چىنياڭ شەھىرىدە بولۇپ، ياتاقلىق مەكتەپ ئىدى. ئۇ چاغدا مەن «راھەت ماكان»دىن ئايرىلىپ، بىلىم ئېلىش يولۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ مەكتەپتە تۇرۇپ، ناتونۇش مۇھىت، ناتونۇش ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلارغا يالغۇز يۈزلەنگىنىمدە، پەقەت ماسلىشالمىدىم، ھەتتا مەندە قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بولدى. ھەر قېتىم ھەپتە ئاخىرىدا مەكتەپكە قايتقىنىمدا، بىر خىل بىئارام بولاتتىم ۋە مەيۈسلىنەتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىم مەكتەپكە قايتماقچى بولغىنىمدا يامغۇر يېغىپ، ھاۋامۇ قايغۇلۇق كەيپىياتقا كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالغانىدى، بەدىنىم سوغۇق، قەلبىممۇ مۇزلاپ كەتكەنىدى. دادام بىلەن ئاپام مېنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغىچە ئاپىرىپ قويدى، مەن بېشىمنى سېلىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، كىيىم - كېچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان چوڭ سومكىنى يۈدۈپ مەكتەپكە كىردىم. مەن كەينىمگە بۇرۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، كەينىمگە بۇرۇلساملا كۆز ياشلىرىمنى تۇتۇۋالالماسلىقىمدىن قورقتۇم.

 دەرسخانىغا كىرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم، ئىچىم يەنىلا بەك سىقىلىپ، ئۇزاققىچە تىنچلىنالمىدىم. بۇ چاغدا، مەن تۇيۇقسىز چاپىنىمنىڭ يانچۇقىدا بىر قاتتىق نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. چىقىرىپ قارىسام، ئەسلىدە بىر چىرايلىق قەغەز تۇرنا ئىكەن. مەن ئاۋايلاپ ئاچتىم، ۋاھ، بۇ ئەسلىدە بىر پارچە خەت ئىكەن. تونۇش پوچېركىلار كۆز ئالدىمدا ئەكس ئەتتى، بۇ خەتنى ئاپام ماڭا يازغان ئىكەن. شۇ دەقىقىدە، كۆز چانىقىم قىزىپ، كۆزۈم ياشتىن خىرەلەشتى.

 ئاپام خېتىدە نۇرغۇن ئىللىق ۋە ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزنى يېزىپتۇ، «بۈركۈت چۆجىسى ھامان ئىللىق ئۆيىدىن ئايرىلىپ، يەم ئىزدەپ چوڭ بولىدۇ؛ بوران- چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن كۆكتە جەڭ قىلىپ، ئۆزگىچە مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ ...» ئاپامنىڭ سۆزلىرى خۇددى باھاردىكى ئېقىنغا ئوخشاش جىمجىت ئېقىپ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مۇزلارنى ئاستا- ئاستا ئېرىتىپ، قەلبىمنى ئىللىتتى. بايىقى تۇتۇق، بۇرۇقتۇرما ئاسمان بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك بولدى، ھەتتا يامغۇر تامچىسىمۇ ئوماقلىشىپ، ياشلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىۋاتقاندەك بىلىندى. 

 ھازىر مەن تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئۈچ يىللىق ئەڭ جاپالىق ۋاقىتنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ، شەنشى شىئەندىكى بىر داشۆگە ئۆتتۈم. گەرچە مەن ئۆيدىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتكەن، مەكتەپتە تۇرىدىغان ۋاقتىم تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپامنىڭ قەغەز تۇرنىغا يازغان سۆزلىرى كاللامغا مۆھۈردەك ئورناپ كەتتى. مەن ئۆينى سېغىنغاندا، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، بۇ خەت ماڭا ئىللىقلىق، كۈچ- قۇۋۋەت، ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېغىشلاپ، داۋاملىق باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە ھەمراھ بولدى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شىئەن سانائەت داشۆسى

 پايدىلانغان مەنبە:«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125