قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| مۇھەببەتلىك «كوتۇلداش»
18:01:44 2024-05-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 جياڭ شۇ

  مۇھەببەت، ئىللىقلىق، سىزنىڭ ھەر بىر قارىشىڭىز، ھەر بىر كۈلكىڭىز، ھەممىسى مېنى ئىللىتىدىغان دەملەر.

 ئەستە ساقلاش ئىسترېلكىسى ھەرىكەتلىنىپ، بالىلىق چاغلىرىمغا قايتۇرۇپ كەلدى. يېكەن يەلپۈگۈچ يېنىك يەلپۈپ، يۇمشاق چاچلارنى ئۇچۇرۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا ياز پەسلىنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. ياز ئاخشىمىدىكى شامال ئۇنچىلىك بەك ئىسسىق ئەمەس ئىدى، ئۇ قىزغۇچ كەچكى شەپەق بىلەن ئاستا- ئاستا قىزارغان مەڭزىمنى سىيپاپ ئۆتتى، ئۇپۇقتىكى گۇگۇم نۇرىغا قارىۋېدىم، نۇر گەردىشى كۆزۈمگە چېچىلدى، قولۇمنى سوزسام، كەچكى شەپەق نۇرىنى يېرىم توسۇۋالدى، لەرزان ئىللىقلىق بارماقلىرىمنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتۈپ، سەل- پەل قىسىلىپ تۇرغان كۆزلىرىمدە ئەكس ئەتتى، ناھايىتى راھەت بولۇپ، خۇددى يۇمشاق بۇلۇت ئارىسىدا تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. قولۇمدىكى چوكا مۇزنى ئاغزىمغا يېقىن ئەكىلىپ، كاسسىدە قىلىپ بىر چىشلىدىم، تاتلىق تەم ئېغىز بوشلۇقۇمغا تارقىلىشقا باشلىدى، تەم سەزگۈممۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ جانلىنىپ كەتكەندەك بىلىندى. سىز تېخىچە ئاشخانىدا ماش شورپىسى قاينىتىۋاتاتتىڭىز، ئوتۇن قازاننىڭ تېگىدە چاراسلاپ كۆيۈپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىۋاتاتتى، ئۆگزىدىن ئىس- تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ، كەچكى شەپەقنى خۇددى نېپىز شايى يېپىنغاندەك تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.

 «موما، موما، ماش شورپىسىغا كۆپرەك مۇز قوشۇۋېتىڭ!»

 «ماقۇل، ماقۇل، توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلىتىپ قوياي، نەۋرەمگە كۆپرەك سېلىپ بېرەي! ھە راست، ئاستىراق يەڭ، تېز يەۋەتسىڭىز قورسىقىڭىز ئاغرىپ قالىدۇ!» 

 «ماقۇل، ماقۇل، بىلدىم، مېنىڭ ياخشى مومام». 

 سىز كۈلدىڭىز، بىر نەچچە تال چېچىڭىز مەڭزىڭىزگە چۈشۈپ تۇراتتى، كۆزىڭىز مۇلايىملىققا تولغان ئىدى.

 تومۇزغىلار توختىماي چىرىلدايتتى، ھويلا سىرتىدىكى چىنار دەرەخلىرى باراقسان ئۆسۈۋاتاتتى، دەرەخ يوپۇرماقلىرى شىلدىرلايتتى، ئۇچار قۇشلار ئۇچۇپ ئۆتەتتى، كەچكى شامال ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق ئىدى، ماش شورپىسىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى تاتلىق ئىدى. مومامنىڭ قىلغىنىنى دوراپ ماش شورپىسى قاينىتىپ باقتىم، بالىلىق چاغلىرىمدىكى تەمنى ئەسلا چىقىرالمىدىم، ئەسلىمەمدىكى لەززەت ۋە خۇش پۇراق مېنى ھەر ۋاقىت جەلپ قىلاتتى: مەن بالىلىق چاغلىرىمغا قايتىشنى، ۋاقىتنىڭ ئاستا- ئاستا ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. 

 بىردىنلا ئەسلىمەم بۈگۈنكى كۈنگە قايتىپ كەلدى. «كۈزنىڭ شامىلى مەڭگۈ ئېسىمدە، قولۇمنى توڭلىتىمەن دەپ ئېنىق ئېيتقانىدى ...» تىترەپ، ناخشىغا غىڭشىپ، نۆلدىن تۆۋەن سوغۇق شامالدا ئىشىكنى چەكتىم. «نەۋرە قىزىم!» ئىشىكتىن كىرمەي تۇرۇپلا، سىزنىڭ ئاۋازىڭىز قۇلىقىمغا كىرىپ بولدى. «توڭلىدىڭىزمۇ؟» سىز مېنىڭ قولۇمنى ئالقانلىرىڭىزغا ئېلىپ، قولۇمدىكى بوخچامنى ئالدىڭىز. ئۇ بىر جۈپ قولغا ئاللىقاچان بۇ دۇنيانىڭ تۇرمۇش ئىس- تۈتەكلىرى سىڭىپ كەتكەن، خۇددى ساۋۇتتەك قاتمۇقات قاداقلار قاپلانغان، يېرىقچىلار خالىغانچە يامراپ كەتكەنىدى. «نېمىشقا مۇشۇنچىلىكلا كىيىۋالدىڭىز، قولىڭىزنىڭ بۇنداق سوۋۇپ كەتكىنىمۇ بىكار ئەمەسكەن». قوشۇمىڭىز تۈرۈلدى، چىرايىڭىزدىكى تەبەسسۇم سەل سۇسلىدى. «ناھايىتى قولۇملا مۇزلىدى ...» «قاچىنى ئالقىنىڭىزغا ئالسىڭىز توڭلىمايدۇ، تېز، ئاۋۋال تاماق يەڭ. مەن سىزگە چاپان ئېلىپ چىقاي ...» بىردىنلا، مەن ئۇنچە سوغۇق ئەمەستەك ھېس قىلدىم، قولۇم مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىللىقلىققا تولدى.

 يۈرىكىم ئويناقشىپ، خىياللىرىم پەرۋاز قىلدى، سىزنىڭ كۈلكىڭىز 7- ئايدىكى شامال بىلەن بىللە ئاشۇ يىللارنى سالقىنلاتتى. ئۇ چاغدا جىمجىت، خۇددى ۋاقىت قېتىپ قالغاندەك، يىللار ئىزسىز ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، سىز مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ، قەلبىمنى ئىللىتتىڭىز. مەنمۇ سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزنىڭ موما- نەۋرە ئارىسىدىكى ئەڭ ساپ، شەخسىيەتسىز مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولۇمدىكى ئىللىقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. 

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەلىك تەجرىبە يەسلىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125