يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
11:23:53 2024-05-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر مەيدان چوڭقۇر ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، جەزمەن توغرا بولغان ئىسلاھات ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، «توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش» «سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» «پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش»نى تەكىتلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىدى، ئەمەلىيەت يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. 

ئىسلاھاتتا بىكار قىلىشمۇ، ئورنىتىشمۇ بولىدۇ، قائىدە بويىچە ئىش قىلغاندا ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئىشلىگەچ تەجرىبە ھاسىل قىلىشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە چىڭ تۇرۇش... يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ مول، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ سىستېمىلىق ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى غەلىبىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ئىسلاھات يولىدا يەنىلا نۇرغۇن مۇرەككەپ زىددىيەت ۋە مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، توغرا شەكىل ۋە ئۇسۇلنى ئىگىلىگەندىلا، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى، ئىسلاھاتتىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا مەيلى قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق تۈپ نەرسىلەردىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى، ئىسلاھ قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ياخشى ئىسلاھ قىلىپ، جايىدا ئىسلاھ قىلىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇش كېرەك.» توغرىلىرىنى ساقلىغاندىلا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىشتىن، ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يېڭىلىق ياراتقاندىلا دەۋرنى ئىگىلىگىلى، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، ئىرادىدىن يانماسلىق، يولدىن قايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭماسلىق، ھەم بايراق ئالماشتۇرىدىغان خاتا يولدا ماڭماسلىق، باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشكە قاراپ، توغرا يولنى بويلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دەۋرنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشىگە، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، كونكرېت ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئىزدىنىپ، دادىللىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى زىددىيەت، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش پىكىر يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلمىي پىلانلاش، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. 

«ئىسلاھاتتا سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.» شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، ماسلىققا ئەھمىيەت بېرىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئاساسنى پۇختىلاش، ئاساسىي رامكا تۇرغۇزۇشتىن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشقىچە، يەنە سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقىچە، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يول بويى قەدەم تېز ھەم پۇختا ئېلىندى، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى ۋە سىستېما تەپەككۇرى بىلەن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىگە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى كۈچەيتىپ، ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش، بىر- بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ ھەم ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى، پۇختا، سالماق بولۇپ، ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ئىگىلەپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق كېرەك.» ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ھەرىكىتىدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125