قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| «توپىدىن ئاش ئىزدەشتىن» «يەردىن ئالتۇن ئۈندۈرۈشكىچە»
14:22:39 2024-06-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

چيەن يىمىڭ

 جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەسى سەيچياۋ بازىرى 200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي بازار، شىمالدا شىمالىي جياڭسۇ سۇغىرىش باش ئۆستىڭىگە، جەنۇبتا شېياڭ دەرياسى بويىغا تۇتىشىدۇ، شىمالىي جياڭسۇدىكى داڭلىق «شال ماكانى» بولۇپ، بىنخەيدىكى كىچىك جياڭنەن دېگەن نامى بار. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە، سەيچياۋ بازىرىغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئالتە يىل بولۇپ قالدى. بۇ ئالتە يىلدا مەن سەيچياۋدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

 2017- يىلى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى بېكىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭقۇر نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئەينى چاغدا، سەيچياۋ بازارلىق ھۆكۈمەتكە يېڭىلا خىزمەتكە كىرگەن مەن ئىدارىگە بېرىپلا گۇرۇپپىلىشىپ ياردەم بېرىش- يۆلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان ياردەم بېرىپ- يۆلەيدىغان ئائىلەم مۇگاڭ كەنتى 6 - گۇرۇپپىسىدىكى لاۋليۇ ئىدى. مۇگاڭ كەنتى بازىرىمىزدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىقتىسادى ئاجىز كەنت بولۇپ، لاۋليۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئىلگىرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئالىي تېخنىكومنىڭ پەرۋىش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىزى بار ئىدى، ئۇنىڭ بېيىش تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، تۆۋەن كىرىملىك دېھقان قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ كىرىم مەنبەسى پەقەت ئائىلىسىنىڭ بىر مو بەش پۇڭ يېرىگىلا قاراشلىق ئىدى. مەن گۈرۈچ ۋە ياغ ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش كارتىسىنى تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتىم. ئۇ ئىزچىل ماڭا نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرىدىغان بىر قىسىم تېخنىكىلارنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى، كىرىمىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى رېمونت قىلىشقىمۇ پۇلى يوقلۇقىنى ئېيتتى. مەن ئىدارىگە يېڭى كەلگەچكە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى بىلمەيتتىم، ھەر ئايدا ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، پەقەت ئاددىي ئەھۋاللارنى سوراپ، تۇرمۇش ئەھۋالى توغرۇلۇق پاراڭلىشاتتىم.

 2018- يىلى يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، لاۋ ليۇنىڭ ئائىلىسىگە زىيارەتكە باردىم، ئۇنىڭ قارا ئىشچىلىق قىلىپ بىلىكى سۇنۇپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ گەج بىلەن تېڭىلغان بېلىكىنى داكىدا بوينىغا ئېسىپ، لىڭشىپ ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ تۇرغان كونا ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەت ئىشلەپ، نامرات ئائىلىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا بەل باغلىدىم. ئەينى چاغدا سەيچياۋ بازىرى «يېزا ئۆيلىرىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل كەنت بەرپا قىلىشنى ھەقىقىي تۇتۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى، مەن دەرھال لاۋليۇ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆينى ياخشىلاشقا كېتەرلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ قويۇشنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن يەنە مۇگاڭ كەنتىدىكى يۈ شۇجىدىن مۇگاڭ كەنتىدە جيۇيۈن ئېكولوگىيەلىك قورۇقى شېڭگاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنى، 70 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، شال، راك، قىسقۇچپاقا ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىپ، ئەتراپتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىلگەن ئورۇنلارغا سېتىپ بېرىپ، كىرىمنى تۆۋەن كىرىملىك دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئىگىلىدىم. بۇ، لاۋليۇغا نىسبەتەن يەنە بىر خۇشاللىق ئىش بولدى.

 2023- يىلى باھاردا، لاۋليۇ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتۈم، ئۇ يېڭى ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا مېنى تارتىپ تۇرۇپ: «دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، ئىلگىرىكى پەقەت <توپىدىن ئاش ئىزدەپ> جان باقىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!» دېدى. ھازىر ئۇ شاللىقتا راك، قىسقۇچپاقا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاپتۇ، ھەر يىلى 80 مىڭ يۈەن مۇقىم كىرىمى بار ئىكەن، ئۆيىنى يېڭىلاپلا قالماي، قىزىمۇ ئوڭۇشلۇق ئوقۇش پۈتكۈزۈپ مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلىشىپتۇ. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ھازىر سىز ‹يەردىن ئالتۇن ئۈندۈرۈۋاپسىز›!» دېدىم. ئۇنىڭ چىرايىدا پارلىغان تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلۈمدىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. 

 سۈزۈك ئاسمان، مەيىن شامال كىشىگە ياقىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئارزۇسى خەلق تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. «خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي»، ياخشى سىياسەت ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا مايىل بولۇشى، خەلقنىڭ  كۈتكىنىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام ياش كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەيلى خىرىس قانداق كەسكىنلەشسۇن، بىز ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەۋپ- خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت- پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر، دېگەن ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلاپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك!

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125