جاۋ خۇا
نەچچە يىل ئىلگىرى يەنچېڭ شەھىرى شېياڭ ناھىيەسى «كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا، مەن لىنخەي بازىرى يەنديەن كەنتىدىكى بىر قىسىم ئامما بىلەن ئالاقە باغلىدىم. «كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش» تەلىپىگە ئاساسەن، مەن قەرەللىك ھالدا يەنديەن كەنتىگە بېرىپ ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىگىلىدىم ھەم ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدىم.
يەنديەن كەنتى شېياڭ ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، مەن ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغانىدىم، شۇڭا ئۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، سۈزۈك دەريا ئېقىنى، پاكىز مۇھىتى مېنى ئۆزىگە تولىمۇ جەلپ قىلدى، ئادەتتە ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان مەنمۇ «چوڭ زىيارەت»نى خەلق رايىنى چۈشىنىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلدىم. ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشۇمغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاددىي-ساددىلىقىنى ھېس قىلدىم. ئامما مېنى كۆرگەندە، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋال سورايتتى، پاراڭلىشاتتى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇققان ئۇششاق- چۈششەك قىيىنچىلىقلىرىنىمۇ تىلغا ئالاتتى. مەن ئامما يولۇققان مەسىلىلەرنى بىر- بىرلەپ خاتىرىلىدىم ھەمدە يەنديەن كەنتى، لىنخەي بازىرى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلىپ، بۇ ئىشلارغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇردۇم ھەمدە ئىشلارنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ تۇردۇم.
بىر قېتىم مەن بىر ئائىلىگە زىيارەتكە بارغىنىمدا، ئۇ ئائىلىنىڭ ئىشىكى تاقاق ئىكەن، بىللە كەلگەن كەنت كادىرى ماڭا، بۇ ئائىلىدىكى ئوغۇل نەچچە يىل بۇرۇن كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن كېلىننىڭ قايتا ياتلىق بولغانلىقىنى، پەقەت بوۋاي بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نەۋرە قىزىلا بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ بىر قەدەر قىيىنچىلىقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئادەتتە نەۋرە قىزى مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيدىكەن، بوۋاي بولسا ئېتىز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىكەن.
مەن كەنت كادىرىغا ئەگىشىپ ئېتىزغا ماڭدىم. ئېتىزغا كەلگەندە، قارىماققا 70 نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى تىمەن بىر بوۋاي گۈرجەك بىلەن يەر ئاغدۇرۇۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېلىش مەقسىتىمنى چۈشەندۈردۈم، بوۋاي دەرھال گۈرجەكنى قويۇپ، مېنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. ئۆيگە كىرىپ ئەتراپقا زەن سالدىم، ئۆيدىكى سەرەمجانلار ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بىر شىرەگە بىر داس ئۇماچ، بىر تەخسە تۇزلانغان سەي، بىر تەخسە گۆشسىز سەي ۋە ئىككى موما قويۇلغانىدى. بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۈستەلدىكى تاماقلار ئۇنىڭ چۈشلۈك تامىقى ئىكەن، ئۇ مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا، گەرچە گەپ- سۆزلىرىدىن جاپا- مۇشەققەت تارتىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئۈمىدۋار، ئاكتىپ ھالەتتە بولدى. ئۇ بىر نەچچە مو يەرگە تايىنىدىغانلىقىنى ۋە چوشقا، توخۇ بېقىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنتنىڭ قوللىشى بىلەن نەۋرىسى ئىككىسىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا «تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى سۈرۈشكە تېگىشلىك ياشقا كىرىپ قالغان بولسىڭىزمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزىڭىز يالغۇز نەۋرىڭىزنى جاپا- مۇشەققەتتە بېقىپ، ناھايىتى جاپا تارتىۋېتىپسىز» دېدىم. بوۋاي: «نەۋرەم ئۈچۈن، ھەر قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك»، دەپ جاۋاب بەردى.
«ھەر قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك» دېگەن بۇ سۆز گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، شۇ دەقىقىدە مەن بۇ سۆزنىڭ مېھرىبانلىق، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەنمۇ بەزىدە قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايمەن، لېكىن بۇ بوۋايغا سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ ئاشۇ ئاتالمىش قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىقلىرىم نېمىگە ھېساب بولسۇن؟
كېيىن مەن بوۋاينىڭ ئۆيىگە يەنە بىر نەچچە قېتىم باردىم ھەمدە يېمەكلىك، ئۆگىنىش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم. ھەپتە ئاخىرىدا بارغاندا ئاشۇ چىرايلىق، ئوماق قىزچاقنىمۇ كۆردۈم. مەن يەنە كەنتنىڭ بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەھۋالىنى سورىدىم، كەنت كادىرلىرى بۇ ئائىلىنىڭ كەنتنىڭ نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى، ھەر قېتىملىق بايرامدا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ياردەم بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«چوڭ زىيارەت» پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بوۋاي- نەۋرە ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ئۆلچىمىگە يەتتى، كېيىن مەن بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقمىدىم، ھەش- پەش دېگۈچە ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ھەتتا بوۋاينىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم، ھېلىقى قىزچاق بەلكىم داشۆگە چىقاي دەپمۇ قالغاندۇ؟ مەن بەزىدە بوۋاي- نەۋرە ئىككىسىنى ئەسلەپ قالىمەن، بەزىدە كەنت كادىرلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىمەن، كەنتنىڭ ياردىمىدە بوۋاي- نەۋرە ئىككىيلەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)