ما شىڭرۇي ياپونىيە چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
21:21:53 2024-05-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي ياپونىيە چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ياپونىيە چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى كۆپەيدى، چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت قىلىشى ياپونىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ياپونىيە ياشلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلاشقان جاي. بىز رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىنى تاشقى دوستانە ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز ۋە تۈرتكە بولىمىز. خەلق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش شەكلىنىڭ مول، جانلىق، يوللىرىنىڭ كۆپ خىل، قولاي بولۇشى جۇڭگو- ياپونىيە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ياپونىيە چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى جۇڭگو- ياپونىيە دوستلۇقىغا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپە قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىنى، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شىنجاڭ ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن بولغان خەلق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى راۋاجلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، سىجىل تۈردە ئىككى تەرەپنىڭ چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

 ياپونىيە چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە زۇڭجاڭى گۇچۇەن جياشۇ مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ياپونىيە- جۇڭگو دوستلۇقىدا تەڭداشسىز مۇھىم رول ئوينىماقتا. چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى بۇ قېتىم ياپونىيە ياشلىرىنى جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇشقا تەشكىللەشتە، ئاساسلىقى ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك دوستلۇق ئارزۇسى بويىچە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ياپونىيە- جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى قويۇق، مۇناسىۋىتى ئۇزاق، بولۇپمۇ چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چوڭقۇر مەنبەگە ئىگە. جۇڭگو شىنجاڭغا دائىم زىيارەتكە كېلىپ، ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئىلىم، مائارىپ، سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئېلزات ئەخمەتجان، قەيسەر ئابدۇكېرىم كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125