ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:42:45 2024-06-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى 

مەركەزنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىز كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 5- ئاينىڭ 27- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 14- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىز كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقى ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىش ۋە تەرەققىياتتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى پائال كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئورۇن بېكىتمىسى ۋە بۇرچنى ئىلمىي ئىگىلەشكە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كەسىپ ۋە كارخانىلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال يار- يۆلەك بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان- ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارنى پىلانلاپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش ۋە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ھەرقايسى ئورۇن، تارماقلارنى يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق قاتلام قىلىپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىك ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولماسلىق، خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي بولۇش، ئىستىلدا پۇختا بولماسلىق قاتارلىق شەكىلۋازلىقتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈكنى يېنىكلىتىش نامى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقنىڭ شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلۈكى بەرپا قىلىشىدىكى مۇھىم تايانچى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كانچىلىق ھوقۇقى بازىرى تۈزۈم- مېخانىزمى ۋە تەرتىپ- قائىدىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كانچىلىق ھوقۇقى ئىگىلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىشنى تېزلىتىشكە يېتەكلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125