6- ئاينىڭ 3- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى ياشلار يولىدىكى خاۋجياشياڭ تاللا بازىرىدا مېۋە سېتىۋالماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن) 6- ئاي، دەل يازلىق مېۋىلەرنىڭ بازارغا سېلىنىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، توغاچ، ئۆرۈك، گىلاس، قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەر بازارغا سېلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن شېرىن تەم قوشۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «مېۋە سېۋىتى»نى زور دەرىجىدە موللاشتۇردى.
6- ئاينىڭ 3- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى ياشلار يولىدىكى خاۋجياشياڭ تاللا بازىرىدا تاۋۇز تاللاپ سېتىۋالماقتا.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2023- يىلى، شىنجاڭنىڭ مېۋە ھوسۇلى 13 مىليون 780 مىڭ توننىغا يەتكەن. ھازىر، شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمان كۆلىمى 21 مىليون 100 مىڭ مودا مۇقىملىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت باغۋەنچىلىك كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %13ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە چىلان، ئۈزۈم، ئۆرۈك، نەشپۈت، بادام، شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىكەن.
6- ئاينىڭ 3- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا يېڭىدىن تىلىنغان تاۋۇزنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
6- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شوربۇلاق كوچىسىدىكى بىر مېۋە دۇكىنىنىڭ ئىگىسى بېشەكشىنلەرنى تىزماقتا.
6- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى رىيۆ شىڭگۇاڭ گۈللۈكىگە جايلاشقان بىر مېۋە دۇكىنىنىڭ ئىگىسى مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
6- ئاينىڭ 3- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شوربۇلاق كوچىسىدىكى بىر مېۋە دۇكىنىدا مېۋە سېتىۋالماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)