قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | سىلەر يەنە كىتاب كۆرۈڭلار، مەن سىلەرنى يەنە كۆرۈۋالاي
15:08:03 2024-06-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شيې ياۋنىڭ

 20 يىل ئىلگىرى، بىزنىڭ ياشلىق باھارىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قورۇسىدا نۇر چاقناتقان.

 ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا، بىز دەرسخانىدا دەرس ئاڭلىدۇق، ئىمتىھان بەردۇق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، بىز رېشاتكىغا يۆلەنگىنىمىزچە، بىر قولىمىزدا كىتابنى تۇتۇپ، بىر قولىمىزدا شامالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قىزىقىشىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، بەزىدە يۇقىرى ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلساق، بەزىدە چوڭقۇر ئويغا پاتقاندەك بولۇۋالدۇق. مەكتەپ قورۇسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، كۆزىمىزدىن قۇياش نۇرى ئۇرغۇدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان كۈچكە ئىگە بولالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەتتۇق. ئەڭ ئاخىرقى سائەتلىك دەرستە، سىنىپ مۇدىرى مۇنبەردە تۇرۇپ بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن: «سىلەر يەنە كىتاب كۆرۈڭلارچۇ، مەن سىلەرنى يەنە كۆرۈۋالاي» دېدى. شۇ دەقىقىدە، بىزنىڭ قەلبىمىزمۇ چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى. كونىلاردا: «بىر كۈنلۈك ئۇستاز، ئۆمۈرلۈك ئاتا» دېگەن گەپ بار. بۇ ئۈچ يىلنى ئەسلىسەك، تارتىنچاقلىقتىن پىشىپ يېتىلگۈچە، بىز بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن ئۆسۈپ يېتىلدۇق؛ مۇئەللىم بىزنىڭ كىشىلىك ھايات سەپىرىمىزدىكى يول باشلىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىز بىلەن بىرلىكتە خۇشال بولۇپ، بىرلىكتە ھالىمىزغا يەتتى. بىز ئۇنىڭدىن بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك ھاياتتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز ۋە ئېتىقادىمىزغا ئىگە بولدۇق. مۇئەللىم بۈگۈن خوشلاشقاندىن كېيىن قايتا كۆرۈشەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، كۆڭلى يېرىم بولدى. بىزمۇ مۇئەللىمنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن بىر خىل ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق.

  20 يىلدىن كېيىن، مەكتەپ خىزمەت ئورنۇمغا ئايلاندى، مەنمۇ بىر ئوغۇل بالىدىن ئوتتۇرا ياشلىق ئەرگە ئايلاندىم. كېيىن مەن مەخسۇس مۇئەللىمنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئەينى يىلى دەرسخانىدا بىزگە قىيالماسلىق نەزەرى بىلەن قاراپ تۇرغان ئۆتمۈشى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ناھايىتى ئاز كۆرۈشتۇق، ئۇ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن قانداق قىلىپ پاراڭلىشىپ تۇرۇشنى ئويلاپلا تۇردى. مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزۈمنىڭمۇ مۇنبەرگە چىقىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، دەرس تەييارلاپ، دەرس ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر كۈنى ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغان ئىدىم. شۇ كۈنلەردە، مەن دائىم مۇئەللىم سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىلەرنى ئەسلەپ قالدىم، خۇددى ئۇ يېنىمغا كېلىپ، ماڭا ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى بايان قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، مەن شۇ ئارقىلىق كۈچكە ئېرىشكەندەك بولدۇم. مەن، يەنە تېخىمۇ كۆپ «مەن»لەر مۇنبەردە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ھەر بىر قارار ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ، ئەينى يىلى مۇئەللىم دېگەن گەپلەرنى تەكرارلاپ، قۇياش نۇرى ئىچىدىكى تىنچ بولمىغان ياشلىق باھارىنى ئەسلەيمىز. ئۇلۇغ ياكى ئەرزىمەس ئىشلار بولسۇن، پەقەت تەسىرلىنىشلا بار، ئۇ، كۆپ يىل ئىلگىرى مەن ھېس قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ئىللىقلىق. 

 ياشلىق باھارىم بىلەن قايتا ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقىدە، مەن ۋاقىتنىڭ ئىللىقلىقىنى كۆردۈم.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خېپۇ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125