چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش- ئالماشتۇرۇشتا بولدى
20:39:34 2024-06-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش- ئالماشتۇرۇشتا بولدى

يۈەن جياجۈن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى

6- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش- ئالماشتۇرۇشتا بولدى. سۈرەتتە: 6- ئاينىڭ 4- كۈنى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي بىرلىكتە شىنجاڭ بىلەن چۇڭچىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرغان غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشىنى قوزغاتتى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 6- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش- ئالماشتۇرۇشتا بولدى، شىنجاڭ بىلەن چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق كېڭەشتى. ئىككى جاي سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە چۇڭچىڭ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق غەربىي قىسىم رايوندا كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

 شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى قومۇل ۋە ئۈرۈمچىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈشتە بولدى.

 قومۇل شەھىرى پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال سىڭىشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاراتۆرۈك ناھىيەسىگە كېلىپ، شىنجاڭ (ئاراتۆرۈك) بۇلۇت ئۈستى يىپەك يولى ھېسابلاش كۈچى يۇغۇرما مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، چۇڭچىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ بايلىق جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھېسابلاش كۈچى ئىقتىسادىنى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق پىلانلىدى. چۇڭچىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- لىنىيەسىنىڭ مەنزىلگاھى، قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشىدا 2023- يىلى 8- ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا. ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، قومۇل شىمالى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم شىنجاڭ ئېغىر سانائىتى، شىنجاڭ خۇاديەن كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە باركۆل 1- ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرىپ مەكتەپ قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇش- ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئىككى جاي يېڭى دەۋر چۇڭچىڭ- شىنجاڭ مائارىپىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چۇڭچىڭ . باركۆل مائارىپ بويىچە ئورتاق قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، يۈەن جياجۈن، ما شىڭرۇي چۇڭچىڭ شەھىرى نەنكەي ئوتتۇرا مەكتىپى رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مائارىپ ئىتتىپاقى مەكتىپىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى، چۇڭچىڭ شەھىرى باركۆلگە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى ئىئانە قىلدى.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى، ئىككى جاي شىنجاڭ- چۇڭچىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرغان غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. يۈەن جياجۈن، ما شىڭرۇي بىرلىكتە قاتناشنى قوزغاتتى. بۇ نۆۋەتچى پويىز شىنجاڭدىن يولغا چىقىپ چۇڭچىڭدىن ئۆتۈپ پۈتۈن نۆۋەتچى پويىز بويىچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاتناپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى بىلەن جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭنىڭ چۇڭچىڭ ئارقىلىق «جەنۇبقا قاراپ دېڭىزغا چىقىش» يېڭى يولىنى ئاچتى.

 6- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چۇڭچىڭ شەھىرى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بويىچە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يۈەن جياجۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن شەھەر خەلقىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ چۇڭچىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېپيېڭى قىياپەت نامايان بولۇپ، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يارىتىلغان ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللار چۇڭچىڭنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. بۇ يىل 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چۇڭچىڭغا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشتىكى ئۇنىۋېرسال تۈگۈننى جاسارەت بىلەن بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ ئورۇن بېكىتمىسى»نى يۈكلەپ، تۆت تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھازىر، چۇڭچىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى ۋە ئومۇمىي قوللانمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئىككى چوڭ ئورۇن بېكىتمىسى»نىڭ «ئاساسىي رامكا»سىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئالتە رايون» قۇرۇشتىكى كونكرېت ۋەزىپىلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، زامانىۋىلاشقان يېڭى چۇڭچىڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلدى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى. چۇڭچىڭنىڭ شىنجاڭ بىلەن تەرەققىياتتا بىر- بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭىچە يېشىل، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھېسابلاش كۈچى تورى بەرپا قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي قىسىم رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى؛ قول تۇتۇشۇپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» ۋە «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش»كە تېز تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەدە پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىي رايون قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇشىنى؛ قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا غەربىي جەنۇب ۋە غەربىي شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يول تورىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، غەربىي قىسىم رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشىگە كۈچ قوشۇشىنى؛ قول تۇتۇشۇپ ئاممىۋى مۇلازىمەت بويىچە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ بويىچە قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش بويىچە ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت بويىچە ئۇدۇللىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بويىچە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: غەربىي قىسىم رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىۋاتقان مۇھىم مەزگىلدە، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش- ئالماشتۇرۇشتا بولغانلىقى باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، چۇڭچىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلدى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن قىزغىن قارشى ئالىمەن ھەم چۇڭچىڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۇڭچىڭ توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئىككى نۇقتا» ئورۇن بېكىتمىسى، «ئىككى جاي» «ئىككى يۇقىرى» نىشانى ۋە «ئۈچ رول» «تۆت پۇختا» قاتارلىق مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى تېزلىتىپ، چېڭدۇ- چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى ھاياتىي كۈچ قويۇپ بېرىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى يېڭىدىن ئۆستۈرۈپ، چۇڭچىڭ تۇپرىقىدا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى. چۇڭچىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال تۈگۈنى بولۇپ، شىنجاڭ- چۇڭچىڭ ئىككى جاينىڭ ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ھەمكارلىق ئاساسى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىش ۋە تەرەققىياتتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- لىنىيەسىنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى؛ ھېسابلاش كۈچى بايلىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي قىسىم ھېسابلاش كۈچى ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىشىنى؛ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا سىڭىشىشىنى؛ چۇڭچىڭنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق كەسىپلىرىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى؛ ئىككى جاينىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالماشتۇرۇش- ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 يىغىندا، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى؛ چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چېن شىنۋۇ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار، رايونلار قاتارلىقلار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

 چۇڭچىڭ شەھىرى رەھبەرلىرىدىن جېڭ شياڭدۇڭ، جياڭ دۇنتاۋ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جىن جىجېن، خا زېڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125