ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز خۇڭ شيۇجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
20:43:08 2024-06-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز خۇڭ شيۇجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 4- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، جۇڭخۇا چىڭيەن تىنچلىق مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇڭ شيۇجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي خۇڭ شيۇجۇنىڭ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئىككى يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى. بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئورنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈنسېرى كۈچلۈك بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئۇزاقتىن بۇيان، رەئىس خۇڭ شيۇجۇ بايرىقى روشەن ھالدا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىگىلەشتىكى بىر كۆزنەك. رەئىس خۇڭ شيۇجۇنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭنىڭ كۈندىن كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن تەيۋەننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 خۇڭ شيۇجۇ مۇنداق بىلدۈردى: يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. 2022- يىلى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندا، نۇرغۇن جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئىگىلىدىم ۋە ھېس قىلدىم. بۇ قېتىم يەنە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چەكسىز ئۈمىدكە تولدۇم. شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئىككى قىرغاقتىكى پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ بەخت- سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

 ئېلزات ئەخمەتجان كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125