ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان بىلەن كۆرۈشتى
21:25:32 2024-06-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان بىلەن كۆرۈشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، فىداننىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدا، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش مۇساپىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا غايەت زور كۆڭۈل بۆلدى، مەدەت بەردى، ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىپ بەردى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئاكتىپ ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلق چوڭقۇر ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. تېررورىزم ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولۇپ، ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى. بىز تۈركىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورىزمغا ۋە ئەسەبىزمگە ئورتاق زەربە بېرىشنى خالايمىز. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلماقتا، تۈركىيە بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سودا سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

 فىدان مۇنداق بىلدۈردى: تۈركىيە- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا چوڭقۇر ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا، بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە تىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى قوغدالغانلىقىنى كۆردۇق. تۈركىيە تەرەپنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق ۋە قەتئىي، قەتئىي تۈردە تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، مىللەت مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى قوللىمايدۇ، قاتناشمايدۇ، تۈركىيەدە جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويمايدۇ. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىدىكى كۆزنەك، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، بېرىش- كېلىشنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا، يېزا ئىگىلىكى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

 تۈركىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي ئاسىيا-  شىمالىي ئافرىقا مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125