6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاھالىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان كوچا باشقارمىسى ئۆتكۈزگەن «دۇەنۋۇدا مېھىر تۇتاشتۇرۇش بايرام شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتىدە قەغەز قىيىش ماھارىتىنى ئۆگەنمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان كوچا باشقارمىسى تىيانشان باغچىسىدا «دۇەنۋۇدا مېھىر تۇتاشتۇرۇش بايرام شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش» باش تېما قىلىنغان پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەت مەزگىلىدە، داۋان كوچا باشقارمىسىنىڭ تۆت مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، بىرلىكتە زۇڭزا تۈگۈپ، قەغەز قىيما قىيىپ، پائالىيەت مەيدانىنى ئىللىقلىققا چۆمدۈردى.
6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاھالىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان كوچا باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇەنۋۇدا مېھىر تۇتاشتۇرۇش بايرام شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتىدە ئەجدىھا ئويناتماقتا.
6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاھالىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان كوچا باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇەنۋۇدا مېھىر تۇتاشتۇرۇش بايرام شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتىدە ئۆزلىرى تەييارلىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا.
6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاھالىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان كوچا باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇەنۋۇدا مېھىر تۇتاشتۇرۇش بايرام شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتىدە ئۆزلىرى تەييارلىغان «قېرىنداشلىق مېھرى» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا.
6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولى كوچا باشقارمىسى شۈدۇڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر «شېۋۇدۇ» ئويۇنىغا قاتناشماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولى كوچا باشقارمىسى شۈدۇڭ مەھەللىسى مول مەزمۇنلۇق خەلق ئۆرپ- ئادىتى قىزىقارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇەنۋۇ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.
6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولى كوچا باشقارمىسى شۈدۇڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر «بېلىق تۇتۇش» ئويۇنى ئوينىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولى كوچا باشقارمىسى شۈدۇڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر رەڭلىك تۇخۇم سىزماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولى كوچا باشقارمىسى شۈدۇڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر بەخت تىلەش كارتىسى ئاسماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)