ما شىڭرۇي مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدا زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
20:34:07 2024-06-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۈرۈمچى تەبىئىي بايلىق ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەركىزىگە كېلىپ، زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە تېخىمۇ ياخشى مەركەزلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا، ما شىڭرۇي ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلاردىن يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى ۋە ئېھتىياتچان، ئىنچىكە بولۇش ئىستىلى بىلەن، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش، تەشكىللەش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، پۇختا ئىشلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 شىنجاڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە، ما شىڭرۇي خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭ تېز يوللانما ئەمەلىي ۋاقىت سانلىق مەلۇماتىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ئەھۋالىنى سىنلىق كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەۋەتىش- يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە توشۇشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشىنى؛ ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇن، تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۈرۈمچى تەبىئىي بايلىق ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەركىزىدە، ما شىڭرۇي ھەرقايسى تەجرىبىخانىلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم شىنجاڭ گېئولوگىيە مەدەنىيەت سارىيىغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كان ئىزدەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تېخىمۇ زور مەدەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى. گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ھەقىقىي كۈچلۈك قۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ۋە كەسپىي ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

6- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىگە كېلىپ، مائارىپ تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلاردىن تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى، ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىمتىھان مەيدانلىرىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئاتا- ئانىلار ۋە جەمئىيەتكە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئىمتىھان ئىشلىرىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، يېقىشلىق، ئىللىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەسكەرتىش، يېتەكلەش ۋە ئىمتىھان مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى پۈتۈن جەرياندا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق، پۇختا، تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزلەپ، ئىمتىھان ئېلىش، قوبۇل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا ئۆگىنىش، شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىش، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا تەربىيەلەش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتمەس- تۈگىمەس ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125