«يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى
20:24:16 2024-06-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ھەقىقىي چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 6- ئاينىڭ 7- كۈنى «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» ئۆتكۈزۈپ، مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 8- نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشنى «نىزام» توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ لېكسىيەگە قاتناشتى.

 لېكسىيەدە «نىزام»نى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ۋە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، «نىزام»دىكى ئۆزگەرتىلگەن ئاساسلىق مەزمۇنلارنى دەل جايىدا ئىگىلەش، «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان تونۇش ۋە تەسىرات قاتارلىق جەھەتلەر چۆرىدىلىپ، كونكرېت دېلو مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، «نىزام» سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «نىزام»نى دائىم ئۈستەلدىن چۈشۈرمەي، ھەر ۋاقىت تەكرارلاپ ئۆگىنىپ، كۈنسېرى پىششىقلاپ، ئەينەن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، دېلو مىسالى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئىنتىزامىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە كۈندىلىك قوللانمىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى قەلبىگە پۈكمەسلىك، چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى قاتتىق، پۇختا تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى توغرىلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش، قوغداش ۋە ئىجرا قىلىشتا ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تىرىشىپ ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، «نىزام»نى ئۆلچەم قىلىپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125