مىڭغا يېقىن دېھقان- چارۋىچى تۇنجى قېتىم «ئارتىس بولدى»
10:45:31 2024-06-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− «مېنىڭ ئالتىيىم»دىكى ئامما ئارتىسلار ئاجايىپ دۇنياغا كىردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

 ئۇلار چوڭ- كىچىك كوچىلاردا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يولۇچى A، ئاۋات بازار- رەستىلەردىكى يايمىچى سودىگەر، يايلاقتا قامچا ئوينىتىپ ئات چاپتۇرۇۋاتقان چەۋەنداز...

 ئۇلار دەل «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى مىڭغا يېقىن ئامما ئارتىس. 5- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىر بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشلىرى ئېلىنغان جاي − قابا ناھىيەسىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدىكى ھېكايىلەرنى ھەمبەھىرلەشلىرى، نەزەرىدىكى ئاجايىپ دۇنيانى تەسۋىرلەشلىرىنى ئاڭلىدى.

 فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدا بىر «ما رېژىسسور» كۆپەيدى

 «مېنىڭ ئالتىيىم» سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان مەزگىلدە، كەچتە، كۆپ قىسىم كىشىلەر بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، مەردان ئابلاجان بىر كۈندىكى ئەڭ ئالدىراش پەيتنى كۈتۈۋالاتتى.

 «ئەتە ئامما ئارتىستىن 50ى كېرەك».

 «بەيگە مەيدانىغا 30 چەۋەنداز كېرەك».

 ئۇ ئامما ئارتىس يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەربىر مەيداندىكى ئامما ئارتىسلارنى سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. يەنە ئامما ئارتىسلارنى يىغىپ، بىر- بىرلەپ يوقلىما قىلىپ، گىرىم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇراتتى...

 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مەردان ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچاتتى، ئۇ ئەركىن ھەم ھەر كۈنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىشلار بىلەن ئۇچرىشالايدىغان خىزمەت قىلىشنى بەكرەك ئارزۇ قىلاتتى.

 بىر يىل ئىلگىرى، دوستى ئۇنىڭغا «مېنىڭ ئالتىيىم» فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاققابا كەنتىدە سۈرەتكە ئالماقچى ئىكەنلىكىنى، ئامما ئارتىس قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «مۇشۇ ياشقا يەتكۈچە، پەقەت تېلېۋىزوردىلا كۆرۈپ كەلدۇق، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قانداق ئىشلەيدۇ، ئەجىبا سېنىڭ كۆرۈپ باققۇڭ يوقمۇ؟» بۇ سۆز مەرداننى ھاياجانغا سالدى.

 كامېرا، چىراغ نۇرى ھەمدە نامەلۇم بىر دۇنياغا تۇنجى قېتىم يۈزلەنگەندە، مەردان يېڭىلىق ھېس قىلدى، چۈنكى مۇشۇ يەرلىك بولغاچقا، يەنە كېلىپ كاللىسى ئۆتكۈر، كىشىلىك مۇناسىۋىتى كەڭ بولغاچقا، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ نەچچە قېتىملىق ئامما ئارتىس قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، مەرداننىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ناھايىتى تېزلا ئامما ئارتىستىن ئامما ئارتىس يېتەكچىسىگە ئايلاندى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كۆپچىلىك قىزىقچىلىق قىلىپ ئۇنى «ما رېژىسسور»دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

 بۇ خىزمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى سەھەر سائەت 6- 7 لەردە، كىشىلەر تېخى شېرىن چۈش كۆرۈۋاتقاندا، مەردان ئاللىقاچان خىزمىتىنى باشلاپ بولاتتى...

 سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، ھەممىلا يەردە ئۇنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇ فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بىلەن ئامما ئارتىسلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ماسلاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىپ، سۈرەتكە ئېلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلاتتى.

 كەچقۇرۇن، سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشسىمۇ، مەرداننىڭ خىزمىتى يەنىلا ئاخىرلاشمايتتى، ئۇ ئامما ئارتىسلارنىڭ ئىش ھەققىنى ھېسابلاپ بېرىشى ھەم ھەربىر كىشىنىڭ بىخەتەر قايتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى.

 «ئادەم سانىنى ئېنىقلاش كېرەك، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ كىيىم- كېچەك، سەھنە جابدۇقلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندە، ئەتىگەندە قانداق ئالغان بولسا، كەچتە شۇ پېتى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.» مەردان ئۇدۇللا قىلىپ، يېتەكچى بولۇش ئاسان ئەمەس، ھەر ۋاقىت ھەر خىل تاسادىپىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، دېدى.

 ئادەم تېپىش، سەھنە جابدۇقلىرىنى تېپىش، ئاپتوموبىل تېپىش، ئاشخانا، ياتاق ئۇقۇشۇش... دەسلەپتىكى ئالدىراشلىق ئىچىدە يېتىشىپ بولالماسلىقتىن، بۈگۈنكى كۈندىكى ھەممە ئىشقا پىشىشقىچە، مەرداننىڭ ئىپادىسى ئۇنى باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۈردى.

 «سىز بولغاچقا، بىز كۆپ غەمدىن خالاس بولدۇق.» فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغاندا، ھەر قانچە كۆپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ۋە جاپا تارتقان بولسىمۇ، مەردان ھەممىنى كاللىسىدىن چىقىرىۋەتتى.

 «<مېنىڭ ئالتىيىم> ئالتاينىڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى، شۇنداقلا بىر قىسىم تور كىنو، تور تىياتىرى ئىشلىگۈچى تەرەپلەرنىمۇ جەلپ قىلدى. مەن دائىم ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئامما ئارتىسلارنى يىغالايمەن، شۇڭا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ، مېنىڭمۇ ئازراق نامىم چىقىپ قالدى» دېدى مەردان كۈلۈپ تۇرۇپ.

 «ئەتە ئامما ئارتىستىن ئۈچى كېرەك، ئىككىسى ئايال، بىرى ئەر بولسۇن، ئورنى ئاققابا كەنتىدە...» 5- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋىيشىندىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئايدىڭدا مەرداننىڭ ئالدىراشچىلىقى يەنە باشلاندى...

 100دىن ئارتۇق ئامما ئارتىس «چاقىرمىسىمۇ ئۆزى كەلدى»

 «سىزگە مال كىرگۈزگەن باھادا 20 يۈەنگە بېرىمەن.» بۇرچىن ناھىيەلىك سودا شەھەرچىسىنىڭ ئالدىدا، يايمىچى ئىشتان سېتىۋالغىلى كەلگەن جاڭ فېڭشياغا شۇنداق دېدى. بۇ، «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان ئامما ئارتىس تالغار بولېسقاننىڭ بىردىنبىر سەھنە سۆزى ئىدى.

 «بولدى، ئۆتتى». رېژىسسورنىڭ بىر ئېغىز بۇيرۇقىغا ئەگىشىپ، تالغار بۇ سۈرەتكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئارقىدىنلا كېيىنكى مەيداندىكى يولۇچى A كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كۆرۈنۈشكە تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى.

 «گەرچە سەھنە سۆزۈم پەقەت بىر ئېغىزلا بولسىمۇ، لېكىن مەن ئىپادەمدىن ناھايىتى رازى بولدۇم، بىر كۆرۈنۈش بىلەن خۇماردىن چىقىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم.» تالغارنىڭ ئېيتىشىچە، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئامما ئارتىس قوبۇل قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇرچىن ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا ئاشپەزلىك قىلىۋاتقان ئۇ سىناپ بېقىشنى قارار قىلغان.

 «بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مەن جەمئىي تۆت كۆرۈنۈشكە چىقتىم. يايمىچى، يولۇچى A، بەيگە مەيدانىدىكى چەۋەنداز ۋە ئوتلاق كۆچكەن چارۋىچى بولدۇم، گەرچە بەزى كۆرۈنۈشلەردە چىرايىمنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بىرەر كۆلەڭگەم چىقسىمۇ مەن ناھايىتى پەخىرلەندىم» دېدى تالغار.

 تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بىر كۆرۈنۈش چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن باشلاپ تاكى ئەتىسى ئەتىگەن سائەت ئالتىگىچە سۈرەتكە ئېلىندى. يەنە بىر كۆرۈنۈشتە، تالغار يايلاقتا ئات بەيگىسىگە چۈشكەن چەۋەندازنىڭ رولىنى ئالدى، ئون نەچچە سېكۇنتلۇق كۆرۈنۈشنى ئامما ئارتىسلار ئون نەچچە قېتىم ئورۇنلىدى.

 «نەچچە سائەت ئات مىنىپ، ھېرىپ بەللىرىم ئاغرىپ، پۇتلىرىم تېلىپ كەتتى، سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندا، باش- كۆزلىرىم قۇم ۋە چاڭ- توزان بولۇپ كەتتى، لېكىن مۇشۇنى تاللىغان ئىكەنمەن، ئىشنى ياخشى قىلىشىم كېرەك» دېدى تالغار.

 «مېنىڭ ئالتىيىم»نى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، مىڭغا يېقىن دېھقان- چارۋىچى ئامما رول ئېلىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭى 60- 70 ياشتا، كىچىكى 5- 6 ياشتا ئىدى.

 بەزىدە، كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغىچە كەچ بولۇپ كېتەتتى، بىر كۈنلۈك سۈرەتكە ئېلىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئەتىگىنى تولىمۇ ھاياجانلانغان ئامما ئارتىسلار ئۇيقۇسى كېلىپ كۆزلىرىنى ئاچالماي قالاتتى، بەزىلەر ئاپتوموبىلدا ئۇخلاپ شېرىن چۈشكە غەرق بولاتتى.

 «كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى» دېدى مەردان. تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بىر كۆرۈنۈشكە 200 ئامما ئارتىس كېرەك ئىدى. بىر نەچچە قېتىم ئىزدىگەندىن كېيىن، ئامما ئارتىسلار تەق بولدى، تۇنجى كۈندىكى كۆرۈنۈش ئوڭۇشلۇق سۈرەتكە ئېلىندى. ئويلىمىغان يەردىن، ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، مەردان يەنە بىر تۈركۈم ئامما ئارتىسنى ئېلىپ سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىغا كەلگەندە، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى: تۈنۈگۈنكى يۈزدىن ئارتۇق ئامما ئارتىس «تەكلىپ قىلمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن كەلگەنىدى»، ھەتتا بەزىلىرى ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ كەلگەنىدى. سۈرەتكە ئېلىش مەيدانى بىردىنلا ۋاراڭ- چۇرۇڭغا تولۇپ بازاردەك بولۇپ كەتتى. مەردان پۇتى كۆيگەن توخۇدەك جىددىيلىشىپ، بىر تەرەپتىن ئارتۇق ئامما ئارتىسلارنى كېتىشكە دەۋەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتوموبىل ئۇقۇشۇپ كۆپچىلىكنى بىخەتەر يولغا سېلىپ قويدى. بۇنىڭغا ئوخشاش تاسادىپىي ئەھۋاللار دائىم يۈزبېرىپ تۇراتتى.

 «مۇشۇ يىللاردا ئالتاينىڭ ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى، شۇ جايدىكى پۇقرالار ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى كۆپچىلىكنىڭ كۆزىگە يەنىلا ئالاھىدە كۆرۈندى» دېدى مەردان.

 يۇرتۇمنى تەشۋىق قىلىپ بەكمۇ پەخىرلەندىم

 «لۇشۈن چولپان بولۇپ كەتتى» «قالتىس! رولنى قالتىس ئالدى»...

 «مېنىڭ ئالتىيىم» قىزغىن قويۇلۇشى بىلەن، ئاساسلىق كۆرۈنۈشلەر سۈرەتكە ئېلىنغان جاي − قابا ناھىيەسىدە بىر مەيدان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن «ئۆزىنى ئىزدەش» قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، مەيلى قەيەرگە بارايلى، كۆپچىلىك دائىم بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تىلغا ئالاتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە دەل نەۋرىسى بىلەن بىللە «ئامما ئارتىس» بولغان لۇشۈن قاقانمۇ بار ئىدى.

 لۇشۈن بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن بولۇپ، نەچچە يىل ئىلگىرى كەسپىي ئورۇندىن پېنسىيەگە چىققان. «دەسلەپتە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئامما ئارتىس قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، بىر كىچىك بالىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، نەۋرەمنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنىدىم.» لۇشۈن ئەينى چاغدا ئەمدىلا ئالتە يېرىم ياشقا كىرگەن نەۋرىسىنى ئېلىپ سىناق كۆرۈنۈشكە چىقىشقا بارغانىدى، رېژىسسورمۇ دەل يېشى چوڭراق ئات مىنىشنى بىلىدىغان بىر ئامما ئارتىسقا ئېھتىياجلىق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بوۋاي، نەۋرىسى ئىككىلىسى تاللاندى.

 لۇشۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىن چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭ بولغان بولۇپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئۆزىنى بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلەرگە ئېلىپ كىرگەن. «تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا يۇرتىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ئاددىي بولغان مىللەتلەر ئۆرپ- ئادىتى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت جانلىق ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بىز بۇنىڭدىن پەخىرلەندۇق».

 «يۇرتىمىزنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچ قوشالىغانلىقىم ناھايىتى شەرەپلىك ئىش!» لۇشۈن مۇنداق دېدى: مەن رول ئېلىشقا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم، دوست- بۇرادەرلىرىم، ئەتراپىمدىكى تونۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى، ۋاقتىم بولسا ئۆزۈممۇ ئۇلار بىلەن بىللە «سايقىنبۇلاق كەنتى»گە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىمەن. لۇشۈن سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ئۆز يۇرتىنى، شۇ جاينىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

 «مەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى لۇشۈن.

 لۇشۈنگە ئوخشاش پەخىرلىنىدىغانلاردىن يەنە قابا ناھىيەسىنىڭ جايىلما يېزىسى بەيگەتۆبى كەنتىدىن كەلگەن زەۋلىم قايراتمۇ بار. «ئامما ئارتىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدىم. سۈرەتكە ئېلىش جەريانى ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغاندىن كېيىن شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدىكى جاپانىڭ ناھايىتى ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى زەۋلىم.

 بۇ بىر نەچچە كۈندە، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئامما ئارتىسنىڭ بىرى بولغان قابا ناھىيەسى ئاقچى بازىرىنىڭ ئاھالىسى ئامىنە ئىدرىسمۇ ۋىيشىن، دوۋيىن سۇپىسىدا تەكلىپ ئەۋەتىپ، دوستلارنىڭ قابا ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان نۇرغۇن ھەر مىللەت ئامما مەردانغا ئەينى چاغدا سۈرەتكە ئالغاندا خېلى «دەرد تارتقان» ئىدۇق، لېكىن ئەستايىدىل قارىساق ھەقىقەتەن قالتىس بوپتۇ، قويۇلۇشى بىلەنلا كۆرۈلۈش نىسبىتىدە بىرىنچى بولدى، بارغىنىمىز ھەقىقەتەن بىكارغا كەتمەپتۇ، دەپ سۆز قالدۇردى. يەنە بەزىلەر، كېلەر قېتىم پۇل بەرمىسىمۇ بارايلى دېيىشتى.

 مەردان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئالتىيىم» قىزغىن قويۇلۇشى بىلەن مەن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدۈم، ئىككى ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان سۈرەتكە ئېلىشقا ياردەملەشكەندىكى ھاردۇقۇم بىراقلا چىققاندەك بولدى، «مەن بۇ قېتىم <مېنىڭ ئالتىيىم> فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىر مەھەل ياخشى ھەمكارلاشتىم، كۆپچىلىككە مەن دېگەن <ما رېژىسسور>!» دەپ پو ئاتالايدىغان بولدۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125