ما شىڭرۇي ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
19:40:27 2024-06-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا بويى رايونلىرىنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك

6- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتىدە كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6- ئاينىڭ 8- كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەننىڭ بېيتۈن شەھىرىگە بېرىپ، چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىرىنچى سەپتىكى چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچى ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باي - باياشات بولۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

 جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتىنىڭ «جۇڭگو − قازاقىستان چېگراسىدىكى 1- كەنت» دېگەن نامى بار، كەنت ئاھالىلىرى ئۇزاق مەزگىل ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى ساقلاپ كەلدى ۋە چارۋا بېقىپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇردى. ما شىڭرۇي كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى قاتارلىقلار بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردى. كەنت ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ قانداق كېلىش مەنبەلىرى بار؟ كەنت كوللېكتىپ كىرىمى قانچىلىك؟ ئاساسلىقى قانداق جايلارغا ئىشلىتىلىدۇ؟ ما شىڭرۇي كۆپچىلىك بىلەن كىرىم قىلىش ھېساباتى، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى بىر- بىرلەپ تەپسىلىي ھېسابلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ چارە - ئامال تېپىپ، كۈچ سەرپ قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ قىزىل ساياھەت، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق خاس كەسىپلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تىرىشىپ چېگرانى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، كەنتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ باياشات قىلىش كېرەك. 

 جېمىنەي پورتى جۇڭگو، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە تۆت دۆلەت چېگرالىنىدىغان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، «بىر پورت تۆت دۆلەتكە تۇتىشىش»تەك رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ما شىڭرۇي پورت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، چېگرادىن كىرىش - چىقىش ۋە تاشقى سودا قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەۋقەنى ئۆزگىچە رايون ئورنىغا قويۇپ ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت «ئىككى بازار»نى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. سەپەر داۋامىدا، ما شىڭرۇي جېمىنەي چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە بېرىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ مۇداپىئەدە تۇرۇش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇلارنى ئېسىل ئىستىلنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، پولاتتەك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئارمىيە- خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى- ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو − قازاقىستان چېگراسىغا جايلاشقان بېيتۈن شەھىرى 185- تۇەن بېيۋەن چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە كېلىپ، ليەندۈيدىكى جەڭچىلەردىن ھال سورىدى، ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، رايون تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. 185- تۇەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ زېمىننى قوغداش خاتىرە سارىيىدا، ما شىڭرۇي «بىر ئۆمۈر بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن» دېگەن سۆزنى ئېيتقان مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ما جۈنۋۇ ئەر- خوتۇننى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يىل چىڭ تۇرۇپ دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى قوغدىغانلىقىدەك ئالىيجاناب ھەرىكىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئۇلارنى چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي 185- تۇەن بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە «غەربىي شىمال چېگراسىدىكى 1- ليەن»نى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش، راۋاجلاندۇرۇش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. سەپەر داۋامىدا، ما شىڭرۇي ئاقتۇبېك پورتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

 قابا ناھىيەسىدە، ما شىڭرۇي ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا كېلىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ زاپاس تېرىلغۇ يەر بايلىقى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يەر كۆپەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پائال ئۆستۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىكى چوڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدە، ما شىڭرۇي331 G لىنىيەسى بۇرچىن − قابا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئۈنۈمگە ۋە بىخەتەرلىككە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، نۇقتىلىق لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالتاينىڭ قاتنىشىنى بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋە خەلققە پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 دۇەنۋۇ بايرىمى، قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىنى ساقلاۋاتقان، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا گۈزەل تىلەك تىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوندىكى خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى گۈزەللەشتۈرۈش، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خاس كەسىپلەرنى زورايتىش جەھەتتە يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق چېگرانى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ چېگرا بويىدىكى خاس كەسىپ، ئېكولوگىيەلىك كەسىپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئوچۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، يول ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا ئارقىلىق كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تاشقى ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئۆزئارا سودا بازىرى سودىسى، ئىمپورت - ئېكسپورت بويىچە پىششىقلاش قاتارلىق سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تەسىر كۆرسىتىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرادىكى كەنت- بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرادىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى نەتىجە ھاسىل قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125