«مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» ھەم شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى باشلاندى
10:00:57 2024-06-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى جيا چۇنشيا) 6- ئاينىڭ 8- كۈنى، 2024- يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» ھەم 12- نۆۋەتلىك شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېيدا باشلاندى، پائالىيەتتە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر مەركەزلىك تەقدىرلەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نەتىجىلىرى تەشۋىق قىلىندى، نامايان قىلىندى.

2024- يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش»تىن ئىبارەت. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى پائالىيەت باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان 243 تۈرلۈك باش تېما تەشۋىقات پائالىيىتى ۋە 218 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەرنى قوغداش، نامايان قىلىشتىكى مۇنەۋۋەر مىسال» قاتارىغا كىرگەن كۇچا شەھىرى كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيىغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى، 2023- يىللىق «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس»لەرنى باھالاشتا شىنجاڭدىن ئالدىنقى 30نىڭ ئىچىگە كىرگەن شەخسلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى ھەم گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى، شەرەپ بىلەن «2024- يىللىق ئالتۇن چىراغ مۇكاپاتى بويىچە يىللىق ئەڭ كاتتا مۇكاپات»قا ئېرىشكەن شىنجاڭ مۇزېيىغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى، 2023- يىللىق «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس» شەرىپىگە ئېرىشكەنلەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى، 2024- يىللىق شىنجاڭدىكى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكى بويىچە ئەڭ گۈزەل قوغدىغۇچى» شەرىپىگە ئېرىشكەنلەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى خوتەن» «سىزنى مۇزېيغا باشلاپ كىرەي − قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېي» تېمىسىدىكى كىتاب ئىئانە قىلىش مۇراسىمى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلدى.

شۇ كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش 100 يىللىق سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، يىپەك يولى مىراسلىرىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش − «يىپەك يولى: چاڭئەن - تىيانشان كارىدورى يول تورى»نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە شىنجاڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى نەتىجىلىرى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي تارىخىغا ئائىت بۇيۇملار كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك كۆرگەزمە ھەم شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بازىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە «جۇڭخۇا ئائىلىسىدە خوتەن بار» كۆرىكى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايان قىلىش كۆرىكى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىجادىيىتى كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش ئوچۇق دەرسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

جۇلالىق يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارئەتىقىلەر، مەدەنىيەت مىراسلىرى تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش شانلىق سەھىپىسىنى نامايان قىلىپ، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ھەممىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى پۈتۈپ چىقتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقى سىجىل زورىيىپ، قوغداش يوللىرى ۋە ۋاسىتىلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، قوغداش خىراجىتى سىجىل ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار سانى «شىددەت بىلەن» ئاشتى، ھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ قالدى.

«بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، قوغداش، نامايان قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەدەنىيەت − مۇزېي ئورنى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125