شىنجاڭ ياخشى جاي
10:14:41 2024-06-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت قىزغىنلىقىغا نەزەر

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

شىنجاڭ دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بىپايان تۇپراق. «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق» بولۇشتەك ئالاھىدە يەر شەكلى ئېگىز تاغ، جىلغا، ئورمان، ئوتلاق، دەريا- كۆل، چۆل- باياۋان قاتارلىق ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان جۇغراپىيەلىك ئورنى مول، قىممەتلىك، كۆپ مەنبەلىك ئادىمىيەت تارىخى جۇغلانمىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنى ئەۋزەل ساياھەت بايلىقىغا ئىگە قىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىدا ساياھەتچى مىقدارى ۋە ساياھەت كىرىمى قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول»لارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن شىنجاڭ مايتاغ − كۇچا تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يەنە بىر ساياھەت ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىدا قىزغىن دولقۇن كۆتۈرۈلدى

باش يازدىكى بىر چۈشتىن كېيىن، ئالتاي تېغى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، قوي- كالىلار توپ- توپ ئوتلىشىپ يۈرەتتى. شىنجاڭ قابا ناھىيەسىنىڭ چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتى ئادەمگە لىق تولغانىدى، ھەر يەر- ھەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىنغان جايغا بېرىپ، «ئارزۇدىكىدەك جاي»نى ئىزدىدى.

«لوبەن خانىم، ماڭا بىر بوتۇلكا <پېڭ- پېڭ> ئېلىپ بېرىڭ» «قاراڭ، بۇ ۋېنشيۇ ئۇخلىغاندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كارىۋات»... 1:1 ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر، سەرەمجانلار، چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە تىياتىر ۋەقەلىكىنى ھېس قىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت − تەنتەربىيە − رادىيو − تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 5 ـ ئايدا، ئالتاي ۋىلايىتىگە كەلگەن ساياھەتچى مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.81 ئاشقان، ساياھەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %88.25 ئاشقان.

ئالتاينىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىدەك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭدا ھازىر دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنىدىن ئالتىسى، ئۈچ تۈرلۈك دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، 101 تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 133ى، A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 717سى بار. كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ «تۆھپىكار كان»ى ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، قىزىل ساياھەتنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلالايدۇ؛ قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدا تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش، ئادەمسىز رايوندىن كېسىپ ئۆتۈش، دالىدا ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت تۈرلىرى تەۋەككۈلچىلىك تۈسىگە ئىگە بولۇپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇراتتى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، يەرلىك خاسلىققا ئىگە كىيىم ـ كېچەك كىيىپ، نەپىس «گۈلى» گىرىمى قىلىپ، چىرايلىق ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈش ساياھەتچىلىكتىكى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شىنجاڭ جەمئىي 58 مىليون 499 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.64 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 62 مىليارد 649 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.72 ئاشقان.

شىنجاڭ يەنە «ساياھەت + مۇسابىقە ئىشلىرى»نى مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

6- ئاينىڭ 1- كۈنى، 2024- يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان ئاقسۇ شەھىرىدە ئاخىرلاشتى. «شەرقتىكى داكار» دەپ ئاتالغان بۇ راللى مۇسابىقىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئاپتوموبىل ماھىرلىرىنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە دالىدا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاپتوموبىل مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى مۇنداق بىلدۈردى: ئاقسۇ تەكلىماكاننى ئايلىنىش نام كارتىسى ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەتنىڭ ساھە ھالقىغان يۇغۇرما ئىقتىدارى ۋە تۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى ياراتتى.

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، شىنجاڭمۇ ھەرقايسى چوڭ ساياھەت سۇپىلىرىدا بەس- بەستە ئىزدەيدىغان قىزىق تېمىلىق سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مېيتۇەننىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، شىنجاڭدا دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت زاكاز مىقدارى(مەنزىرە رايونى، قونالغۇ، قاتناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40تىن ئارتۇق ئاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالقىشلىق مەنزىلگاھ بولغان.

«بۇ يىلقى ساياھەت ئاۋات مەزگىلى بۇلتۇرقىدىن ئون نەچچە كۈن ئالدىغا سۈرۈلدى، ھازىردىن باشلاپ <1- ئۆكتەبىر>لىك دەم ئېلىش مەزگىلىگىچە، ياتاقلارنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى» دېدى شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىدا ئىككى ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى قىلىدىغان لى يۆمىڭ مۇخبىرغا.

يېقىندا ئېچىلغان 2024- يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى، 2024- يىلىدىن 2026- يىلىغىچە، ساياھەتچى مەنبەسى ماركېتىڭىنى قانات يايدۇرۇش، مەنزىلگاھلاردا ئېتىبار بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلات تەمىناتىنى بېيىتىش، قاتناش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەشۋىق قىلىش- كېڭەيتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش جەھەتنى چۆرىدەپ، مەبلەغ سېلىش ۋە بايلىق جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس سۈن خۇڭمېي مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىككىدىن ئۈچكىچە دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئىستىراھەت رايونى ۋە ساياھەت شەھىرى بەرپا قىلىپ، دۇنيا مىراسلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەرلىرى، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىغا تايىنىپ دۇنياغا داڭلىق ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىدۇ؛ مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى، G219، غۇلجا − موڭغۇلكۈرە تاشيولى، ئالتاي − قۇمقاناس تاشيولى، تاشقورغان − يەكەن قەدىمىي يولى قاتارلىق ئۆزگىچە مەنزىرە يوللىرىنى دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ. ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا قاراپ قەدەم تاشلايدۇ.

«ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»تا خەلقنى بېيىتىش گۈللىرى ئېچىلدى

ساياھەت ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپ. شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىدا ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا تۆت يىل بولغان موڭغۇل تۇۋا يىگىت بۆكنىڭ بۇ سۆزگە چوڭقۇر تەسىراتى بار.

بۆكنىڭ يۇرتى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» بۇرچىن ناھىيەسىدە. ئەسلىي ھالەتتىكى ئاددىي ياغاچ ئۆيدىن ئەسلىھەلىرى تولۇق ئازادە ئائىلىۋى مېھمانخانىغىچە، ئات چانىسىنى ھەيدەپ تاغقا كىرىشكە بىر ـ ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشتىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈچ ـ تۆت سائەتتىلا يېتىپ بېرىشقىچە، كۈنبويى قوي- كالىلارغا ھەمراھ بولۇشتىن تۆت پەسىلدە نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشقىچە، 32 ياشلىق بۆك ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى.

«گۈزەل سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئۆزگەرمىدى، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى ئېشىپ، تۇرمۇشى باياشاتلىققا تولدى.» بۆك مۇنداق دېدى: بۇ جايدا ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن نۇرغۇن چارۋىچى قامچىسىنى تاشلاپ، ساياھەت كەسپىگە ئاتلاندى.

بۆكنىڭ يۇرتىمۇ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خەلقنى كۆزلەش، خەلقنى بېيىتىشنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى. بۇ يەردىن جەنۇبقا نەزەر سالساق، ئالتاي تاغ تىزمىسى، تىيانشان تاغ تىزمىسى، كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى قاتارلىق بىرقانچە چوڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىلەر شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق» بولۇشتەك ئۆزگىچە يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن، كۆرۈنۈشى سۈرەتتەك، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل نۇرغۇن كەنتلەر بۇلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، لېكىن يېرى كەڭ بولغانلىقى، چوڭ تاغلار ئايرىپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەبلىك، قاتناش ئانچە قولاي ئەمەس ئىدى. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى بۇ جاينىڭ سۇ، توك، تور، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى گۈزەل «ئارزۇدىكىدەك جاي»نى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا بۇ جايدىكى خەلقنى تېخىمۇ قولاي، راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

ئالتاي تېغى ئېتىكىدە ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچقان پادىچى ئۆسمۈرلەردىن تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توردا ئالقىشلانغان دۇكان ئاچقان دېھقان قىزلىرىغىچە، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە ساياھەت تامىقى يەۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش بويىچە باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەردىن يالقۇنتاغ ئېتىكىدە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۈزۈمچىلىك ئائىلىلىرىگىچە، ساياھەتچىلىك بىپايان شىنجاڭدىكى «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»نىڭ خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى گۈللەندۈرۈشتىكى «بايلىق»قا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا. شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرىنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2023- يىلى شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق 345 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان دەريا بويى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد «ھالاكەت دېڭىزى»نىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئەجدادىدىن ئەۋلادىغىچە قۇملۇقتىكى بوستانلىققا تايىنىپ چارۋا بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، 2017- يىلى كېرىيە ناھىيە بازىرىغا 90 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەن.

«ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن يېڭى ئۆي، يېڭى مەكتەپ، يېڭى دوختۇرخانا... ھەممىسى ناھايىتى ياخشى، لېكىن كۆچۈپ چىقساق قانداق تۇرمۇش كەچۈرىمىز؟» بۇ نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشە ئىدى. قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش، دالىدا يۈرۈش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش... قۇملۇق ئالاھىدە ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭ جاۋابىنى تاپتى.

كەنت ئاھالىلىرى ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش، يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى قىلىش، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان نۇرغۇن ياشلارمۇ كەنتكە قايتىپ كەلدى. «ھازىر يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن قۇملۇق ساياھىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلماقچى» دېدى قەشقەر داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەڭگۈل مەتتۇردى.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.» دەريا بويى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جياۋ سىپېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياشلار ئاستا ـ ئاستا كۆپەيدى، قۇملۇقتىكى بۇ كىچىك كەنتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچەيدى.

«ئارزۇدىكىدەك جاي»نىڭ كەلگۈسى پارلاق

1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بىپايان، قاتناشنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ قولايلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ساياھەت تەسىراتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟ بۇلار شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا «جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال».

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەتچىلىكنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى ئالماشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇيخۇا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرى ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كېلىشكە ئەرزىيدىغان، كەلگەنلەر رازى بولىدىغان جاي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 220 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى سانى 25كە يېتىپ، تۆمۈريول تىجارەت تىرانسپورتى مۇساپىسى 9500 كىلومېتىردىن كۆپرەككە يېتىپ، تېز سۈرئەتتە شەكىللەنگەن ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بولدى.

شاڭخەي بىلەن ئالتاي ئارىسىدا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، G219 لىنىيەسىنىڭ ئارشاڭدىن قورغاسقىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، نۇرغۇن يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى تۈرى بۇ يىل ئىچىدە پۈتىدۇ... قاتناش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى ساياھەتچىلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

تېخىمۇ چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مۇلازىمەت قىلىندى. ھازىر قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ تۆت پەسىللىك ساياھىتى تەدرىجىي دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە يېتەكلىشىدە، بۇ جايدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىش قاتارلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئارقىلىق تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، بازاردا تەرتىپلىك رىقابەتلىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئۈزۈلدۈرمىدى.

«مەنزىرىسى تەڭداشسىز بولدى، بازىرى كۈندىن- كۈنگە قېلىپلاشتى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.» لى يۆمىڭ تىجارەت كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى ھەرقايسى مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان، بەزىلىرىنىڭ ئۆيى ھەتتا شىنجاڭنىڭ سىرتىدا. «مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بار بولغاچقا، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىشلەپ ئۈمىدكە تولدۇق، مۇناسىۋىتىمىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك.» لى يۆمىڭ مۇنداق دېدى: دائىم كېلىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن ساياھەتچى بىلەن دوست بولۇپ قالدىم.

سىرتقا ئېچىۋېتىش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا بولۇپ كەلدى، ھازىر، شىنجاڭ ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستانە زاتلارغا ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېچىلغان شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا، نۇرغۇن چەت ئەللىك سودىگەر بەس- بەستە شىنجاڭغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەنىدى.

ئىتالىيەلىك ساياھەت سودىگىرى مارىيا لومباردى مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى يىپەك يولىدا ساياھەت قىلىشنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، شىنجاڭنىڭ بۇنداق گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدىم، شىنجاڭنىڭ ھەممە مەنزىرىسىنى كۆرۈپ باققۇم بار».

«شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن.» ئاۋسترىيەدىن كەلگەن ساياھەت مەھسۇلاتلىرى دىرېكتورى ۋالتېرلاۋدېر ئېلزابېت مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، قەدىمكى مەدەنىيەت خارابىسى ساياھىتىگە ئەڭ قىزىقتىم.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ساياھەت مۇلازىمىتىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چېگرادىن كىرىش ساياھىتىنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياتاقتا يېتىش رەسمىيىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتماقتا.

شىنجاڭ ياخشى جاي. 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى ھەر ساھە دوستلارنى گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭغا قۇچاق ئېچىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ھېس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ گۈزەللىكنى بايقاشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ.

(مۇخبىرلار لى زىلياڭ، ياڭ خاۋ، جاڭ يۈ، گوۋ لىفېڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125