جاڭ بېي
«يولۋاس شەكىللىك يەڭ بەلگىسى تاقاپ كاتتا بايرام دۇەنۋۇنى كۈتۈۋېلىش». دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بولغان دۇەنۋۇنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. قولۇم- قوشنىلار كۈلكە- پاراڭلار ئىچىدە بىرلىكتە زۇڭزا تۈگدى، خۇش پۇراق بولاق تەييارلىدى، ئەجدىھا قولۋاق كوماندىسى بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشتەك قىزغىن مەنزىرىنى نامايان قىلدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بايرام كەيپىياتى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، ئەنئەنىۋى بايرامدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەنىۋى مەدەنىيەت رىشتى ھەر مىللەت ئاممىنى بىر- بىرىگە زىچ باغلىدى.
دۇەنۋۇ ئۆرپ- ئادىتى بۈگۈنكى كۈندىكى كۈچلۈك دەۋر تۇيغۇسىغا ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا، بايراملىق خاس مۇراسىم تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق بىزنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىمىزنى ئۈن- تىنسىز ئوزۇقلاندۇردى. خوتەننىڭ قېتىق زۇڭزىسى «چۈچۈمەل، يېيىشلىك تەمدىن ھۇزۇرلىنىش» ئىستىكىنى قاندۇرغاندىن سىرت، يەنە بالىلارغا «ۋەتەننى سۆيۈش»نىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قەدىرلەپ ئەۋج ئالدۇرغان قىممەتلىك پەزىلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ قۇرۇق يەردە ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەپ، چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە، قەشقەردىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى كوماندىلار ئۆز كۈچىنى قالتىس نامايان قىلىپ، باشقىلاردىن ئېشىپ 1- ئورۇندا تۇرماقچى بولسا جەزمەن جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك ئىتتىپاقلىق روھىنى تېخىمۇ جانلىق نامايان قىلدى؛ قويۇق دورا ھىدى كېلىپ تۇرغان ئەمەن ئوتىدىن بىر تۇتام ئۈزۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ساغلاملىق، تىنچلىق گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى... ھەر مىللەت ئامما تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق، بايرام خۇشاللىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ چوڭقۇر جەزبىدارلىقىنى ھېس قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خۇشال- خۇرام، ئىناق، قىزغىن كەيپىياتتا مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بايرام مۇراسىملىرىنى ئىچكى جەھەتتە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا ئايلاندۇردى.
يىلمۇيىل ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان كاتتا بايرام ئەجدادلار بىزگە ئويۇپ بەرگەن ۋاقىت بەلگىسى؛ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بايرام مۇراسىم تۇيغۇسى تارىخ، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت رىشتىنى قوغدىماقتا. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار ئورتاق كۈرەش قىلىپ، گۈزەل يۇرت قۇرۇۋاتقان كۈنلەردە، ئورتاق بايرامنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈش تارىخ بىلەن سۆھبەتلىشىش، ھازىرقىلارغا ئىلھام بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتىن ئىبارەت. ھەربىر ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ مەنىۋى ئىچكى يادروسىنى قەدىرلەپ ۋە قوغداپ، تولۇپ تاشقان بايراملىق مۇراسىم تۇيغۇسى ئىچىدە ئورتاق يىلتىزىمىز ۋە روھىمىزنى كۈچلەندۈرەيلى.