قەشقەردە 200دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى مۇزىكىلىق تىياتىرنى ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىدى
10:53:54 2024-06-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قەشقەردە 200دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى مۇزىكىلىق تىياتىرنى ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو

 «ئالدىراشلىقتىن بوشىغان ۋاقىتلاردا، مەن يەنىلا مۇزىكىلىق تىياتىردىكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان سەييارە ئويۇن قويۇشقا تولۇق تەييارلىق قىلدىم» دېدى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى زۇلپىيەم قۇربان ئۇسسۇل دەرسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مۇخبىرغا. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان «ئانار قىزاردى، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەيمىز» ناملىق تۇنجى ئىجادىي سەھنە مۇزىكىلىق تىياتىرىنى ئورۇنلاشقا قاتناشقان. 200دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى قول تۇتۇشۇپ ئىجاد قىلغان بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر بۇ يىل 1- ئاينىڭ بېشىدا سىناق تەرىقىسىدە ئورۇنلانغاندا نۇرغۇن ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

 بۇ تىياتىردا جەمئىي 38 ئىجادىي مۇزىكا، سەككىز ئىجادىي ئۇسسۇل، بىر ئىجادىي قۇم رەسىم MV ئەسىرى بار. «بۇ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان تۇنجى مۇزىكىلىق تىياتىر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شېنجېن- قەشقەر ئىككى جايدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت مەكتەپ ھېكايىسى نامايان قىلىنغان.» قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ جېنجېن مۇنداق تونۇشتۇردى: پىلانلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، كوللېكتىپىمىزدىكىلەر شېنجېن- قەشقەر ئىككى جاينىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش نەتىجىلىرىنى قانداق شەكىلدە نامايان قىلىش ئۈستىدە ئويلاندۇق، «مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، بىز بىرلىكتە مۇزىكىلىق تىياتىر ئىجاد قىلىشنى قارار قىلدۇق، ناخشا- ئۇسسۇل ئامىللىرى ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ھېكايىسىگە ئاساسەن ئىجاد قىلىنىپ ئىشلەنسە، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولىدۇ».

 ئاساسلىق ئىجادىيەتكە قاتناشقان كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار مۇزىكىلىق تىياتىرنى كۆرۈپمۇ باقمىغانىدى. مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ ئىجادىيەت شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىدى. «بىز ئىشنى سېنارىيە يېزىش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن باشلاپ، ئون نەچچە ئوقۇتقۇچى ئىشخانىدا بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئويى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ھەر خىل يىپ ئۇچى ۋە ئىجادىيەت ئىلھامى توپلاپ، بىرلىكتە سېنارىيە يازدۇق، مۇزىكا ئىشلىدۇق، ئۇسسۇل ئىجاد قىلدۇق.» قەشقەر شەھەرلىك ياش- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ سىرتى مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈي يۈجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن، بىز ئالدىنقى مەزگىللىك ئىجادىيەتتە «تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈپ» نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەت تارتتۇق.

 مۇزاكىرە قىلىش، رەتلەش ئارقىلىق، ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپى ئاخىر ئىجادىيلىققا ۋە تەسىرچانلىققا باي مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ سېنارىيەسىنى يېزىپ چىقتى. تىياتىر ۋەقەلىكىدە شېنجېنلىق بىر قىزچاقنىڭ يۇرت ئاتلاپ قەشقەرگە كەلگەنلىكى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ شۇ جاينىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغان ھەم پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، قەشقەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. سېنارىيەدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ھەقىقىي ھېكايىلەر ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، سەنئەتلىك قايتا ئىجادىيەت ئارقىلىق، ئومۇمىي مەزمۇن تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان.

 سەھنە ئەسىرىنى لايىھەلەشتە، ئاساسلىق ئىجادىيەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبول ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى توپلىدى. ئەفىردىن ئەسقەر، شىرزات نۇر قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئەزالىرى ئىلگىرى بۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان، ئۇلارغا تۇنجى بولۇپ پۇتبول تېپىشنى ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچىسى مەمەتجان مەخمۇت مۇنداق دېدى: «بۇ بىرقانچە يىلدا، بىزنىڭ پۇتبول مەيدانى قۇرۇلۇشىمىز بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى. ئاكىلىرىنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق ھېكايىسىنى سەھنىدە كۆرگەندە، ئوقۇغۇچىلار مەشىقلىنىشتە تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ».

 بۇنىڭدىن باشقا، يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بار. قەشقەر شەھەرلىك 18- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى مەدىنە مەمەت ئىلگىرى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئاۋات شەھەردە قېلىشنى تاللىماي، يۇرتىغا قايتىپ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان. مەدىنە تىياتىردا ئۆزىنىڭ رولىنى ئۆزى ئېلىپ، ھەقىقىي كەچۈرمىشى ئارقىلىق، بوشاشماي ئارزۇغا ئىنتىلىش روھىنى تارقاتتى، «مەن بالىلارنى ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مىننەتدار بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

 تېكىست- مۇزىكا ئىجادىيىتى جەھەتتە، بۇ تىياتىردا ئوخشاشلا روشەن خاسلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلەر پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھېسسىياتنى تېكىست- مۇزىكىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈردى. تىياتىردا، پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر ئېيتقان «تاغ- دەريالاردىن ھالقىغان شېنجېن- قەشقەر مۇھەببىتى، پۇتبول ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» ناملىق ناخشىدا جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ روھ ئۇرغۇپ تۇراتتى، «بىز قەشقەرنىڭ ئۆسمۈر بالىلىرى، پۇتبول ئۈچۈن ئوت بوپ يانىمىز. چاپماقتىمىز چىملىق مەيداندا، ئەجىر بىلەن پەرۋاز قىلىمىز...» ناخشا تېكىستىدە ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىشى ۋە ھاياتىي كۈچى تارقىتىلدى.

 شېنجېن شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئېيتقان «ئاتلاندۇق، ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىغا» ناملىق ناخشا تېكىستىدە، ئۇلار ئىرادىسىنى مۇنداق بىۋاسىتە ئىپادىلىدى: «ئاتلاندۇق، تەييارلىق پۈتتى تامامەن؛ ئاتلاندۇق، ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىغا؛ ئاتلاندۇق، بىز قىزغىن غايىمىز بىلەن».

 بىرنەچچە ئاي كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ تىياتىر قەشقەر شەھەرلىك ياش- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ سىرتى مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت مەركىزىدە سىناق تەرىقىسىدە ئورۇنلاندى. ئويۇن قويۇلغان كۈنى كەچتە، بوش ئورۇن قالمىدى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، بۇ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە بېرىلگەن ئەڭ كاتتا شەرەپ ئىدى. تاماشىبىن ئارزۇگۈل مەتجان مۇنداق دېدى: «بالىلار ناھايىتى ئەستايىدىل ئورۇنلىدى، سەھنە كۆركەم لايىھەلىنىپتۇ، مۇزىكا، دېكىراتسىيەلەرنىڭ ھەممىسى كەسپىي ئۆمەكلەرنىڭ ئۆلچىمىدە ئىشلىنىپتۇ».

 «ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ خاتىرجەم بولدۇق، بۇ بىرنەچچە ئايلىق تىرىشچانلىقىمىز بىكار كەتمىدى.» بۇ تىياتىرنىڭ ئۇسسۇل ئىشلىگۈچىسى ۋە ئۇسسۇل رېژىسسورى مۇيەسسەر تەۋەككۈل مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر قېتىم رېپېتىتسىيە قىلغاندا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى بەشكېرەم يېزىسى، قوغان يېزىسى، يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قاتارلىق يېزا- بازارلاردىن كېلەتتى، ئۇلار سەھنىدە ئەڭ ياخشى ئورۇنلاش ئۈنۈمىنى نامايان قىلىشنىلا ئويلايتتى. «كۆپ قىسىم ئارتىسلار يېزىلاردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئورۇنلاش ۋە ئۇسسۇل ئاساسى يوق ئىدى. گەرچە ئورۇنلىغىنى ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىسى بولسىمۇ، لېكىن سەھنىدىكى ھېسسىيات ئىپادىلىشى ۋە بەدەن ھەرىكىتى سەل قوپال كۆرۈنەتتى».

 بۇ قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ رېپېتىتسىيە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، رېپېتىتسىيە جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى.

 4- ئاينىڭ 17- كۈنى، مۇزىكىلىق تىياتىر رەسمىي ئورۇنلاندى، 200دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى سەھنىنىڭ ئالدى- كەينىدە ياخشى ماسلىشىپ، بۇ مۇزىكىلىق تىياتىرنى مۇكەممەل ھالەتتە تاماشىبىنلارغا نامايان قىلدى. قەشقەر شەھەرلىك 27- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايىمگۈل ھەسەن تىياتىردا بىر قىزغىن، تىرىشچان قىزچاقنىڭ رولىنى ئالدى، «رېپېتىتسىيە قىلغاندا، بەزى ناخشا تېكىستلىرىنى ئېسىمدە تۇتالمايتتىم، شۇڭا دەرستىن چۈشكەندە قايتا- قايتا يادلىدىم، ھەپتە ئاخىرى دەم ئالغاندا يەنە ئۇسسۇل مەشىق قىلدىم، تاماشىبىنلارغا ئەڭ ياخشى ھالىتىمنى كۆرسىتىشنى ئويلىدىم، رەسمىي ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز بىر- بىرىمىزگە مەدەت بەردۇق».

 نۆۋەتتە، «ئانار قىزاردى، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەيمىز» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر قەشقەر شەھىرىدە ئۈچ مەيدان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاندى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاددىي رول ئېلىشىدا گەرچە قالتىس ماھارەت بولمىسىمۇ، ئەمما سەمىمىي ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ھەربىر تاماشىبىننىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. جاڭ جېنجېن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تىياتىرنىڭ نەشر ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىگە كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تاغ- دەريالاردىن ھالقىغان بۇ مائارىپ رىشتىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125