قەشقەر كوزىچى ياربېشى يېڭى بىلەن كونا يۇغۇرۇلغان قوش جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى
10:56:16 2024-06-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قەشقەر كوزىچى ياربېشى يېڭى بىلەن كونا يۇغۇرۇلغان قوش جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو

 «ئون يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى كوزىچى ياربېشى تېخىمۇ قەدىمىي تۈسكە ئىگە بوپتۇ». 6- ئاينىڭ 3- كۈنى، گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچى جاۋ تيەنمىن قەشقەر شەھىرى كوزىچى ياربېشىدىكى بىر قەھۋەخانىدا خۇش پۇراق قەھۋەگە ئېغىز تەگكەچ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق قەشقەر سەپىرىدىكى تەسىراتىنى ھەمراھلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. كوزىچى ياربېشى قەشقەر شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۇپراقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ قەدىمىي كوچا رايونى ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، زامانىۋىلاشقان ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرۈپ، تارىخ بىلەن زامانىۋىيلىقنى يۇغۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

 كوزىچى ياربېشى قەشقەر شەھىرىنىڭ تۈمەن دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دەريا ئېقىنى بۇ تۇپراقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، ئاھالىلەر دەريا ئېقىنىغا جور بولۇپ، بىر- بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىدىكى ئۆيلەر سېغىز توپا ۋە تېرەك ياغىچىدىن سېلىنغان بولۇپ، ئۆزگىچە خام كېسەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەت توپىنى شەكىللەندۈرگەن. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى بىر قەۋەتتىن كۆپ قەۋەتكە كۆپىيىپ، ئەڭ ئېگىز بولغاندا تۆت قەۋەتكە يەتكەن ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىچە «كوچا ھالقىغان ئىمارەت»، «يېرىم ئىمارەت» ۋە «ئاسما ئىمارەت» قاتارلىق ئىمارەت ئۈلگىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

 كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىگە كىرگەندە، ئەگرى- توقاي كىچىك كوچىلار خۇددى سىرلىق ئوردىغا ئوخشاش تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى بېزەكلەرمۇ بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ، قەدىمىي شەھەر، كوچىلار، ئاھالىلەر... تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان بىر پارچە يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلغان. ئارزۇگۈل ئابلا ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، يىل بويى كوزىچى ياربېشىدا ساياھەتچىلەرگە بۇ تۇپراقتا بارلىققا كەلگەن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. «بۇ جاي قەشقەردىكى ئەڭ خاسلىققا ئىگە يەر بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە قەشقەردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، ھەر قېتىم ساياھەتچىلەرنى باشلاپ كوزىچى ياربېشىغا كەلگىنىمدە، خۇددى تارىخ كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىمەن» دېدى ئارزۇگۈل.

 كوزىچى ياربېشى «دۆڭدىكى كۇلالچىلار» دېگەن مەنىدە. تۇرسۇن رۇستەمنىڭ نەزەرىدە، كوزىچى ياربېشى ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئىللىق جاي. دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 17 يېشىدىن باشلاپ، تۇرسۇن ساپالغا ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدى. ئۇنىڭ دۇكىنىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساپال سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ھەر خىل مۇكاپات گۇۋاھنامىلىرى گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، خۇددى ئۇنىڭ ساپال بىلەن بولغان رىشتىنى بايان قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

 ھەر قېتىم ساپال بۇيۇملار تىلغا ئېلىنغاندا، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇق ئۆتكەن تۇرسۇننىڭ چېھرىدە ئىپتىخارلىق ۋە مەمنۇنىيەت تەبەسسۇمى ئەكس ئېتىدۇ، «ھازىر ساپال بۇيۇملارنى ياساشتا، مەن يەنىلا نەچچە يۈز يىللىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، مۇشۇ جايدىكى سېغىز توپىنى ئىشلىتىپ، ياغاچتىن ئىشلەنگەن پېداللىق ئايلانما دىسكىدىن پايدىلىنىپ، ئاز- ئازدىن پىششىقلاپ ساپال بۇيۇم شەكلىگە كىرگۈزىمەن.» بۈگۈنكى كۈندە، تۇرسۇن شاگىرتلىرىنى يېتەكلەپ ياسىغان ساپال بۇيۇملار خۇددى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسىغا ئوخشاش، ساپلىق ۋە قەدىمىي تۈسنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

 كوزىچى ياربېشىدىكى ئەگرى- بۈگرى تار كوچىلارنى ئايلانغاندا، كىشىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر- سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ تۇماق، توقۇلما بۇيۇملار، خىش ئويما قاتارلىقلارنى ياسايدىغان ھۈنەرخانىلارنى كۆرەلەيدۇ. ھەربىر ھۈنەرخانا ئۆزگىچە جەلپكارلىقى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مول ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئىتىنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەر توختىماي ماختىشىدۇ.

 2021- يىلى، قەشقەر كوزىچى ياربېشى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت خارابىلىكىنى قوغداش- ئېچىش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، كوزىچى ياربېشى خارابىلىكى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىندى ھەم ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ھەمدە سۇ، توك قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھەلەر ماس قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 2023- يىلى 6- ئايدا، كوزىچى ياربېشى يېپيېڭى قىياپەتتە سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ، ساياھەتچىلەر قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەندە جەزمەن داكا قىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

 رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى كوچا رايونىدا يەنە قەھۋەخانا، ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى، كىتابخانا، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق زامانىۋى كەسىپ ھالەتلىرى بار بولۇپ، قەدىمىي شەھەرگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. ئابدۇسەمى ئابدۇغېنىنىڭ كوزىچى ياربېشىدا بىر قەھۋەخانىسى بولۇپ، خېلى نامى بار، «كوزىچى ياربېشىغا كېلىپ داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، قەھۋەخانىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر دائىم قەھۋە ئىچكەچ بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بۇ جاينىڭ تارىخىنى چۈشىنىدۇ».

 كوزىچى ياربېشىغا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا ئۇ ھەربىر ئائىلىنىڭ ھارارەتكە تولغان ھېكايىلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ «يېڭى بىلەن كونا يۇغۇرۇلغان» ئۆزگىچە جەلپكارلىقى ئارقىلىق ھەربىر ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125