ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا، بىز دەرسخانىدا دەرس ئاڭلىدۇق، ئىمتىھان بەردۇق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، بىز رېشاتكىغا يۆلەنگىنىمىزچە، بىر قولىمىزدا كىتابنى تۇتۇپ، بىر قولىمىزدا شامالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قىزىقىشىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، بەزىدە يۇقىرى ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلساق، بەزىدە چوڭقۇر ئويغا پاتقاندەك بولۇۋالدۇق. مەكتەپ قورۇسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، كۆزىمىزدىن قۇياش نۇرى ئۇرغۇدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان كۈچكە ئىگە بولالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەتتۇق.
ئەسلىي مەزمۇننى ئوقۇماقچى بولسىڭىز مېنى چېكىڭ
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
ئاۋازدا: ئالمىرە غېنى