قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئانامنىڭ قىزىل ئىشكاپى
16:40:03 2024-06-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 رېن رۇنلى

 ئېسىمنى بىلگىنىمدىن تارتىپ، ئۇ قىزىل ئىشكاپ ئانامنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىغا قويۇقلۇق ئىدى، ئانام ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ مومامدىن قالغان ئىكەن.

 كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر قېتىم ئاغرىپ قالسام ياكى يىغلاپ غەلۋە قىلسام، ئانام قىزىل ئىشكاپتىن كەمپۈت ياكى گازىرلارنى ئېلىپ مېنى بەزلەيتتى. ئۇ چاغدا، ئانامنىڭ قىزىل ئىشكاپى ماڭا بەكمۇ ئاجايىپ ھەم سىرلىق بىلىنەتتى، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگۈم كېلەتتى. لېكىن ئانامنىڭ قىزىل ئىشكاپىغا ھەمىشە بىر كىچىك كۈمۈش قۇلۇپ سېلىقلىق تۇراتتى. مەن دائىم ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئىچىگە قانداق مەخپىي دۇنيانىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.

 ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، مەن ئانامنىڭ يېنىدا كۆپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر قېتىم مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىرىشىمگە، ئانام قىزىل ئىشكاپتىن ھەر خىل ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ ماڭا بېرەتتى. مەن ئاچپاقىلارچە ھۇزۇرلىنىپ يەپ كېتەتتىم، ئانام دائىم رازىمەنلىك بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى، پات- پات ئاغزىمنىڭ چۆرىسىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى قولى بىلەن سۈرتۈپ قويغاچ، كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئالدىرىماي يەڭ، گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالمىسۇن»، دەيتتى.

  بىر قېتىم مەن ئاخىر تاقەت قىلالماي ئانامدىن: «سىزنىڭ گۆھەر ساندۇقىڭىزدا زادى نېمە بار؟ پۇلغا يارايدىغان بىرەر گۆھەر قويۇپ قويدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدىم. 

 ئانام كۈلۈمسىرەپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، پەقەت ئاچقۇچنى ماڭا بەردى. مەن خۇشال ھالدا قىزىل ئىشكاپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مېنى كۆپ يىل قىزىقتۇرغان بۇ سىرلىق بوشلۇقنى ئاۋايلاپ ئاچتىم.

  لېكىن، ئىشكاپنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرە مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ئىشكاپنىڭ بىر تەرىپىگە ئاكام- ئاچاملار ئانامغا ئالغاچ كەلگەن سوۋغاتلار، يەنە بىر تەرىپىگە بوۋامنىڭ بىر قىسىم يادىكارلىقلىرى، ئوتتۇرىدىكى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان جايغا بىز ئاكا- سىڭىل ئۈچىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئېرىشكەن تەقدىرنامىلەر قويۇلغانىدى. مەن بۇ تەقدىرنامىلەرنى بىز ئۆي كۆچكەندە ئاللىقاچان تاشلىۋەتتۇق، دەپ ئويلىغانىدىم، ئانامنىڭ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قىزىل ئىشكاپىدا ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئۇ بىر دەستە تەقدىرنامىنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى ۋاقتىمدا ئۆيگە يازغان خەتلىرىم، ئۇنىڭ يېنىغا كونىراپ كەتكەن بىر شىنخۇا لۇغىتى قويۇلغان ئىدى.

 ئاشۇ يىلى، تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراققا كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېفونمۇ بولمىغاچقا، مەن دائىم ئۆيگە بولغان سېغىنىشىمنى سالام خەت قىلىپ يېزىپ ئانامغا ئەۋەتىپ بېرەتتىم. كېيىن ئاستا- ئاستا ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالدىم، ھەم ئەزەلدىن ئۆيدىكىلەردىن جاۋاب خەت ئېلىپ باقمىغاچقا، سالام خەت  يېزىشىممۇ بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، ئالىي مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن خەت يازمايدىغان بولدۇم.

  ئويلىمىغان يەردىن ئانام مېنىڭ يازغان خەتلىرىمنى ئەتىۋارلاپ ساقلاپتۇ. خەتلەرنى ئېچىپ، قالايمىقان يېزىلغان خەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئىجىر- مىجىر پىنيىنلارنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بىردىنلا ھاڭ- تاڭ قالدىم. مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئانام لۇغەت ئاختۇرۇشنى قانداق ئۆگەنگەندۇ؟ قىزىنىڭ ئۆزىگە يازغان خەتلىرىنى قانداق ئوقۇپ چىققاندۇ؟ شۇ دەقىقىدە كۆزلىرىم ياشقا تولدى. مەن ھەتتا ئۆزۈمدىن ئازراق نەپرەتلەندىم، ئەينى چاغدا ئانامغا سالام خەتنىڭ خەتلىرىنى تېخىمۇ رەتلىك يېزىپ بەرسەم بوپتىكەن.

 ئاشۇ قېتىم مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، مەن ھەر ھەپتىدە ئۆيگە خەت يازدىم. مەن ئانامنىڭ خەتنى ئوقۇغاندا خۇشاللىقتىن جاۋغىيىنىڭ ئۈستىگە كۆتىرىلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم.

  كېيىن ئانام ئالەمدىن ئۆتتى، ھېلىمۇ ياخشى قىزىل ئىشكاپ بار بولغاچقا، ئانام توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرىم ئۆچۈپ كەتمىدى.

  ھەر قېتىم ئانامنىڭ ئۆيىگە قايتقاندا، مەن سىرتى ئالىچىپار بولۇپ كەتكەن قىزىل ئىشكاپنى سىلاپ باقىمەن. ئاندىن ئۇنى ئېچىپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى بىر- بىرلەپ ۋاراقلاپ، ئانامنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەيمەن. 

 كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىز بىر نەچچە قېتىم ئۆي كۆچتۇق، كۆپ قىسىم نەرسىمىز يوقاپ كەتتى، لېكىن قىزىل ئىشكاپ ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالدى. گاڭگىراپ قالغىنىمدا مەن ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويساملا، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئانامنى، ئانا مېھرىنى چۈشىنىمەن.

  ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى فۇپىڭ ناھىيەلىك ليەنخۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125