شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى
20:38:59 2024-06-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

 جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئېچىۋېتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك

 لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئېچىۋېتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

 شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى كۆزلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شىركەت ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق، ھوقۇق- مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئايرىلغان، باشقۇرۇش ئىلمىي بولغان زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ۋە يەرلىكنىڭ ئاشلىق خىزمىتىنى تۇتۇش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ ۋە قوزغاپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ دەللىكى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن- تېخنىكا جەھەتتە سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەنگەن يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى تۈزۈم كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى. 

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، كارخانىلارنىڭ تىجارەت سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كۆلىمى، تەرەققىيات باسقۇچى، مۈلۈكچىلىك خاراكتېرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە دۆلەت كارخانىلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈم- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى شىركەت ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتى بار پۇقراۋى كارخانىلارنى زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پايچىكلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، باھا، ياردەم تولۇقلىمىسى، سۇغۇرتا قاتارلىق سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق تىجارىتىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مۇكاپات ۋە تولۇقلىما بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش رايونلىرىغا كۆپ يول ئارقىلىق مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش- قوغداش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئۆلكىلەر ئارا توغرا يۆنىلىشلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىشتا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئاساسلىق سېتىش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭپۇڭ بولغان رايونلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قوللاپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، مۇلازىمەت ئارقىلىق يېتەكلەش، مەنپەئەتنى چېتىشنى كۈچەيتىپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئېچىۋېتىش مۇھىتى بەرپا قىلىشتا، «چىقىرىش» بىلەن «كىرگۈزۈش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا پەن- تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، يەرشارىۋى پەن- تېخنىكا ئىدارە قىلىشنى ئالدىن پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر قاتنىشىش كېرەك. خەلقئارالاشقان پەن تەتقىقات مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى رېئال كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئېلىپ قېلىش، ياخشى ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن- تېخنىكا بىخەتەرلىكى تۈزۈمى ۋە خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتتا بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

 مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125