يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نىزامى» ئېلان قىلىندى
20:49:29 2024-06-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

 يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نىزامى» ئېلان قىلىندى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2024- يىلى7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

 «نىزام»دا شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە پائال ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئىش تۈرى ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ مېخانىزمى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇشتا، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ مۇلازىمەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 75 ماددا بولۇپ، ئارمىيە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسلىق قانۇن- نىزام ئاساسى. «نىزام»دا ئارمىيە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە مەۋقەنى ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، سىياسىي خۇسۇسىيەت ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، مەسىلە يۆنىلىشى، تەكشۈرۈش- ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ۋەزىپە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىككە ئالاقىدار ئىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، پىلان تۈزۈشتىن نەتىجىلەرنى تەتبىقلاشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك لىنىيە تەرتىپىنىڭ تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقا نازارەتچىلىك تارماقلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ ئۇقتۇرۇش قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈم- مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ قاتتىق بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش ئىنتىزام تەلىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئورنىتىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ئەمەلىيەتچىل، پاك- دۇرۇس بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىقتىسادىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش  ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125