ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى ۋە فۇكاڭدا كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
21:07:15 2024-06-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى ۋە فۇكاڭدا كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەش ۋە بايلىقنى قوغداش، پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك 

 خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

6- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ سۇلىبۇلاق كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش نەق مەيدانىدا، مەشغۇلات، قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى، پىلانلىنىشى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىگە كېلىپ، بىر قىسىم كۆمۈرلۈك ئوت رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى سىياسىي جەھەتتىن، ئېكولوگىيە جەھەتتىن، بىخەتەرلىك جەھەتتىن، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىن پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىلمىي تۈزەش، قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆمۈرلۈك ئوت رايونلىرىنى تۈزەش ۋە بايلىقنى قوغداش، پايدىلىنىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. 

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.           

 ئۈرۈمچى ناھىيەسى سۇلىبۇلاق كۆمۈرلۈكىدىكى ئوت رايونىنى تۈزەش نەق مەيدانىدا مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرى تەرتىپلىك قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى. ما شىڭرۇي ئايرىم- ئايرىم ھالدا 3- نومۇرلۇق تارماق ئوت رايونى، 1- نومۇرلۇق تارماق ئوت رايونىغا كېلىپ، مەشغۇلات، قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۈرۈمچىدىكى شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، يىرىك پىلان قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش، كاربوننى ئازايتىش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ئىش، مۇھىم ئىش، جەزمەن ھەقىقىي تۈردە يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، توغرا قاراش تىكلەپ، سىياسىي ھېسابات، ئېكولوگىيە ھېساباتىنى كۆپرەك قىلىپ، چوڭ ھېسابات، ئۇزاق مەزگىللىك ھېسابات قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىپ، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. 

 ما شىڭرۇي فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ۋۇگۇڭگوۋ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىغا كېلىپ، نەق مەيداندا كۆمۈر قاتلىمىنىڭ كۆيۈش ئەھۋالىنى كۆردى، سانجى ئوبلاستىدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن تۈزەش تەدبىر- چارىلىرىنى تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتىنىڭ غايەت زور خەۋپىنى تولۇق تونۇپ، ئوت رايونىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ياخشىلاش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئوت ئۆچۈرۈشنى ئوت رايونىنى تۈزەشتىكى باش ۋەزىپە قىلىپ، تەرتىپ بويىچە پەيدىنپەي ئىلگىرىلەپ، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، كۆمۈرلۈكنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئېچىش خىزمىتىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونلىرىنىڭ تارقىلىشى ۋە تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاش، ئىلمىي تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەش نىشانى، پىلانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوخشاش بولمىغان يەر شەكلى، گېئولوگىيەسى، كۆمۈر قاتلىمىنىڭ ساقلىنىشى قاتارلىق شارائىتلارغا قارىتا، تېخنىكا لايىھەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تۈزەش خىزمىتىدە ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىشى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە- مۇھىت قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئوت رايونىنى تۈزەش بىلەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بايلىق ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، «قېزىشنى تۈزەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، قايتا تىندۇرۇش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، كان رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ ۋە تۈزەپ، بايلىقنى قوغداش، پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەشتە قوش نەپ ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىخەتەرلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئوت رايونىنى تۈزەشنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈرلۈكتىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بولۇپمۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قېزىش رايونى يانتۇلۇقىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش- ئۆلچەش، تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىگە ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. 

 يول ئۈستىدە، ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ ۋۇشىن مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانا مەسئۇللىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن بىخەتەرلىك، تەرەققىياتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت تەپەككۇرىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆلەملىك تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ كارخانىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى تاپىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125