شەكىلۋازلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
10:44:14 2024-06-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىن شىجيەن

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركەزنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىنىپ مۇنداق تەكىتلەندى: «شەكىلۋازلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك»، بۇ، بەزى كادىرلارنىڭ شەكىلۋازلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىش ئۇسۇلىنى تۈزىتىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. 

 يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى شەكىلۋازلىقنى بىرخىل « نادان، تۆۋەن دەرىجىدىكى، چاكىنا، كاللا ئىشلەتمەيدىغان» نەرسە، دەپ تەنقىدلىگەن. شىنجاڭنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن بىللە يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، يەنە بەزى ئورۇنلار تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىنلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، شەكلىنى يېڭىلاپ، ئوخشاش بىر مەزمۇندىكى يىغىنلارنى قاتلاممۇقاتلام كىرىشتۈرۈپ ئېچىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىمەي يەنىلا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»بىلەن شۇغۇللىنىپ، داۋاملىق تۈردە يىغىن ئېچىش، ھۆججەت تارقىتىش، ماتېرىيال يېزىش، سۈرەتكە تارتىپ ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق شەكىلۋازلىق شەكىللىرى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ دەل «شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شەكىلۋازلىق بىلەن ھەدەپ شۇغۇللىنىش بولۇپ، خەۋپى ئىنتايىن زور، ئۇ بەزى كادىرلارنى شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە پەرۋا قىلمايدىغان قىلىپ قويۇپ، ئاخىرىدا تۈزەشنى رەسمىيەتچىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنى خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىپ قويۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. 

 بالايىئاپەتنى تۈگىتىشكە ماھىر كىشى ئاۋۋال بالايىئاپەت يۈزبېرىشنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تاپىدۇ، كېسەلنى داۋالاشقا ماھىر كىشى ئاۋۋال كېسەلنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىدۇ. شەكىلۋازلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، شەكىلۋازلىق پەيدا قىلىدىغان «كېسەللىك يىلتىزى»نى توغرا تېپىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب نېگىزىدىن ئېيتقاندا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» تارازىسىنى توغرا قويمىغانلىقى، سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى، ئىشلارغا يولۇققاندا ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنى ئامما ئەمەس، بەلكى ئۆزى بولغانلىقى، «ئەمەل قالپىقى» بولغانلىقىدا. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور سىياسىي نەتىجە، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تىرىشىش يۆنىلىشى، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى خىزمەتتىكى ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغاندىلا، شەكىلۋازلىقنىڭ «زەھەر» مەنبەسىنى ئۈزۈل- كېسىل تازىلىغىلى بولىدۇ.

 ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىرادىسى بىر ئۈلۈش كۈچەيسە، نام- ئاتاققا بېرىلىش ئويى بىر ئۈلۈش سۇسلىشىدۇ؛ ھەممەيلەندە ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىرادىسى بولسا، ھېچكىمدە نام- ئاتاققا بېرىلىش ئويى قالمايدۇ. شەكىلۋازلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش، توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئاخىرقى ھېسابتا «ئەمەلىيەتچىل» بولۇشتا ئەمەلىيلىشىدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، يىغىن ئېچىش، ھۆججەت تارقىتىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي ئورنىغا قايتۇرۇش كېرەك؛ ھەقىقىي تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بەزى شەكىلۋازلىققا قارىتا تۈزۈم جەھەتتىن «يوچۇقنى ئېتىش» كېرەك؛ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەت يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ھەقىقىي تۈردە مەسىلىلەرنى دەل جايىدا كۆزلەش، نىشانلىق ئىش كۆرۈش كېرەك، «قالدۇرۇلغان ئىز»نى نەتىجە قىلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. پەقەت مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىگەندىلا، ئاندىن تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە ياراتقىلى، ئاندىن شەكىلۋازلىق قېلىپىدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ. 

 باھالاش يۆنىلىشى قانداق بولسا، ئىش قىلىش يۆنىلىشى شۇنداق بولىدۇ. شەكىلۋازلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، جەزمەن نەتىجە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقى، ئاممىنىڭ باھاسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. مەسىلەن، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە دوكلات ئاڭلاش، ماتېرىيال كۆرۈشكىلا بولمايدۇ، يەنە بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، «ئارقا ھويلا»غا يۆتكىلىپ، كادىرلارنىڭ ھالىتىگە قاراش، ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا قاراش كېرەك. باھالاشنىڭ «قىممەت»ى يۇقىرى بولسا، تۈرلۈك شەكىلۋازلىقنىڭمۇ تەبىئىي ھالدا «بازار»ى قالمايدۇ. 

 شەكىلۋازلىق خۇددى جاھىل تەمرەتكىگە ئوخشايدۇ، جاھىل خاراكتېرگە، تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە، تۈگىتىش ئۇسۇلىدا ئازراقمۇ ساختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن قاتتىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك. پەقەت تېگى- تەكتىنى ئېنىقلاپ مەنبەدىن تەكشۈرۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ تۈزىگەندىلا، ئاندىن شەكىلۋازلىقنىڭ يىلتىز تارتىش، شاخلىنىش «تۇپراق»ىنى يوقىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش نامى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگىلى، كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125