مۇھەببەتكە ۋارىسلىق قىلىش: ۋاپادار كېلىننىڭ ھېكايىسى
18:40:23 2024-09-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2023- يىللىق 2- پەسىللىك «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلار» نامزاتلىرىنىڭ ئىچىدە ئاددىي ئەمما تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى بىلەن بىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىرەيلەن بار. ئۇ دەل توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرى بوزيۇلغۇن كەنتىدىكى پاتەمخان رۇسۇل. 

 پاتەمخان رۇسۇل 2014- يىلى مەملىكەتلىك ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش باش تېما تەربىيە پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش يۇلتۇزى بولۇپ باھالانغان؛ 2015- يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تۇرپان شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۇرپان شەھىرى بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» بولۇپ باھالانغان.

 بۇ شەرەپلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە بىزگە ئوخشاش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولالايدۇ. 

 پاتەمخان رۇسۇل ئۇزۇن مەزگىل كېسەل بولۇپ قالغان ئېرى، قېيىنئاتىسى ۋە قېيىنئاتىسىنىڭ ئىنىسى، قېيىنئاتىسىنىڭ سىڭلىسىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە كەڭ قورساقلىقى، تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلسا، ئاددىي- ساددىلىقى، ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە مېھىر- مۇھەببىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈپ، بوستان بازىرىنىڭ بوزيۇلغۇن كەنتىدىكى قىزىق تېما بولۇپ قالدى. 

 پاتەمخاننىڭ قېيىنئاتىسى بۇرۇنلا كېسەل بولۇپ قالغان بولۇپ، ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاچقا، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايتتى، پاتەمخان ئۆز قىزىغا ئوخشاش ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. ھەر كۈنى قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى قېيىنئاتىسىغا پاكىز كىيىملەرنى كىيگۈزۈش، كىرلىك ئالماشتۇرۇپ، يوتقان- كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش، يۈزىنى يۇيۇپ، ئۇۋۇلاپ قويۇش ئىدى. ئۇ قېيىن ئاتىسىنى خۇددى ئۆزىنىڭ «بالىسى»نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ باقتى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قېيىن ئاتىسىنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى، پاتەمخان ھەمىشە ئۇنى بەزلەپ، خۇددى كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك دورا ئىچكۈزۈپ، تاكى 2017- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ ھالىدىن ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئالدى. ئەلۋەتتە پاتامخان ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئۆي ئىشلارنى، ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالدى.

 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، پاتەمخان رۇسۇل جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، چوڭلارغا كۆيۈنۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قولۇم- قوشنىلارنى تەسىرلەندۈردى، قوشنىلار ئۇنى تىلغا ئالسىلا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختايدىغان بولدى. 

 پاتەمخان رۇسۇل ئوڭۇشسىز شارائىتتىمۇ توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئانا، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بالىلىرىنى بېقىپ قاتارغا قوشقاندىن سىرت، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر كۈنى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.

 كىشىلىك ھايات يولىدا ئۇ بالىلىرىنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە كومپاسى. شۇنداقلا بىزگە ئوخشاش ھەربىر پەرزەنتنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئىشىنىمىزكى بۇ ئانىنىڭ ئۇلۇغ مۇھەببىتى مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125