قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ماڭا ئىللىقلىق بېغىشلىغان دەرۋازا
13:31:20 2024-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جاڭ دۇڭمىڭ

 ۋاقىت خۇددى ئەگرى سىزىققا ئوخشاش باھاردىن قىشقا، كۈندۈزدىن كېچىگە قاراپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ؛ ۋاقىت يەنە تۈز سىزىققا ئوخشايدۇ، ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنتتا تەكشى سۈرئەتتە تەڭ مىقداردا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرگىز كەينىگە قايتمايدۇ. لېكىن ئاشۇ يىراقلاپ كەتكەن ئەسلىمىلەر ئىچىدە، ھامان قىسمەن دەقىقىلەر تۇيۇقسىزلا ئېسىڭىزگە كېلىپ، قەلبىڭىزدە بۇرۇنقىدەكلا ئاستا- ئاستا رەڭلىنىپ، قەلبىڭىزنىڭ ئەڭ يۇمران يېرىنى ئىللىتىدۇ.

 ھەر يىلى باھار بايرىمىدا، باھار بايرىمىلىق دۈيليەنلەرنى تاللاپ، ھارپا كۈنى چۈشتىن كېيىندە چاپلاش مېنىڭ ۋەزىپەم، بۇ، يۇرتۇمدىكى ئۆيۈمنىڭ دەرۋازىسىغا چاپلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇرتۇمدىكى ئۆيۈمنىڭ دەرۋازىسى غىچىرلاپ تۇرىدىغان ياغاچ دەرۋازا بولۇپ، ئۇ كىچىككىنە، پاكار كەلگەن، بەلكىم بىر مېتىردىن سەللا كەڭرەك كېلىدىغان ياغاچ دەرۋازا. كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر يىلى باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى قويۇق شىلىم بىلەن قىپقىزىل باھار بايرىمىلىق دۈيليەنلەرنى چاپلايتتۇق، بۇ چاغدا مەن يۇقىرىغا قىيا قاراپ تۇرۇپ: «مايماق كەتتى، ئوڭغا، ئوڭغا» دەپ توۋلايتتىم. بۇ، ياغاچ دەرۋازىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋاقتى ئىدى، ئۇنىڭ بۇنداق چىرايلىق ۋاقتى تەخمىنەن 1- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە داۋام ئېتەتتى. ھارپا ئاخشىمى، بۇ دەرۋازىنىڭ بوي ئۆستۈرۈشتەك يەنە بىر مۇھىم رولىمۇ بار ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھارپا ئاخشىمى دەرۋازىغا ياماشسا بويى ئۆسەرمىش، شۇڭا مەن ھەر يىلى يامىشاتتىم. ھازىر ئويلىسام بويۇمنىڭ ئېگىزلىكى بەلكىم مۇشۇ ئادەت سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ياغاچ دەرۋازىغا ئائىلىمىزنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن باھار بايراملىرى، مېنىڭ دۈيليەن چاپلاشلىرىم، يىلدىن- يىلغا ئېشىۋاتقان باياشات، ئىللىق كۈنلەر خاتىرىلەنگەن.

 بىرىنچى ئاينى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ دەرۋازا ئادەتتە بەك كۆرۈمسىز. ياغاچ دەرۋازا دېيىلگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە پارچە ئۇزۇن تاختايدىن قۇراشتۇرۇلغان، دەرۋازىنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ رەڭگى قېنىق بولسىمۇ، ئاستىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ سۇسلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇزاق يىللىق بوران- چاپقۇننىڭ نادىر ئەسىرى ئىدى. باھار بايرىمىلىق دۈيليەننىڭمۇ ئاللىقاچان رەڭگى ئۆڭۈپ ئاقىرىپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى. كىچىك چاغلىرىمدا، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئاچقۇچ تىقىپ قويىدىغان مەخپىي يېرى بولاتتى، چوڭلار ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆيگە كەچ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، مەكتەپتىن قايتىدىغان بالىلىرى ئۈچۈن ئاچقۇچنى بىر يەرگە يوشۇرۇپ قوياتتى. بەزىدە چوڭلار ئاچقۇچنى قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالسا، بۇنىڭغىمۇ ئامالىمىز بار ئىدى، بوسۇغىنىڭ يېنىدىكى دەرۋازا ئوقىنى كۆتۈرسەك، جۇغى كىچىكرەك بالىلار كىرىپ كېتەلەيتتى، سائەت 5تە قويۇلىدىغان «كارتون شەھىرى» ۋە سائەت 6دە قويۇلىدىغان «چاقپەلەك» پىروگراممىلىرىنىمۇ كۆرۈشكە ئۈلگۈرەتتى. بۇ دەرۋازا ھازىرقى ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكىدەك مۇستەھكەم، بىخەتەر بولمىسىمۇ، ئەمما سىرتتىكى بوران- چاپقۇنلارنى، پاراكەندىچىلىكلەرنى توسۇپ، بىزنىڭ تىنچ- ئامان، ساغلام چوڭ بولۇشىمىزنى قوغدايتتى. بىر ئىشىك، بىر چىراغ، بىر ئائىلە كىشىلىرى، پىلىلداپ تۇرغان غۇۋا نۇرلار ئىللىق كۈچ ھاسىل قىلىپ، قەلبىمىزدە يامرايتتى.

 كېيىن بۇ ياغاچ دەرۋازا بارغانسېرى كونىراپ كەتتى، بىزمۇ بارا- بارا چوڭ بولۇپ ئۆيدىن ئايرىلدۇق، پەقەت مۇشۇ كىچىككىنە، پاكار دەرۋازىلا يىللار بويى قاراۋۇللۇقىنى داۋاملاشتۇردى. يىللار يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئاستا- ئاستا غايىب بولدى. كېيىنچە بىز تېخىمۇ ئاۋات بازارغا كۆچۈپ كەلدۇق، ياغاچ دەۋازىنىڭ ئورنىغا سۈزۈك ئەينەك دەرۋازىنى ئالماشتۇردۇق. ئەينەكتىن قۇياش نۇرىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالايتتۇق، كوچىدىكى مىغ- مىغ ئادەملەرنى كۆرەلەيتتۇق. تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلار ئەينەكتىن كۆرۈنگەن ھالدا، شۇ تاپتىكى بەختلىك تۇرمۇشىنى خاتىرىلەيتتى. ئەينەك دەرۋازا خۇددى بىزنىڭ بارغانسېرى نۇرلىنىپ كېتىۋاتقان كۈنلىرىمىزگە ئوخشاش شۇنداق سۈزۈك، شۇنداق نۇرلۇق ئىدى.

 بىر دەرۋازا ماڭا ئىللىقلىق بېغىشلىدى. دەرۋازا سىرتىدىكى بوران- چاپقۇنلارنى دەرۋازا ئىچىدىكى ئوتۇن، گۈرۈچ، ماي، تۇزلار پەسەيتەلەيدۇ؛ دەرۋازا ئىچىدىكى ئۆينىڭ غەلۋە- غوۋغالىرىنى دەرۋازا سىرتىدىكى مەنزىرىلەر پەسكويغا چۈشۈرەلەيدۇ.

 مىس قۇلۇپ ئېسىلغان قىيا ئوچۇق ياغاچ دەرۋازا، ئېچىلاي دەپ قالغان بىر تۈپ ئەتىرگۈل ئەسلىمىلىرىمنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، خۇددى قەلبىمدە ئىللىق، قويۇق بىر خىل كۈچ ئۆركەشلەۋاتقاندەكلا......

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك دۇڭكەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125