شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى
21:50:34 2024-06-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

6- ئاينىڭ 12- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، ئورتاق گۈللىنىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇب- شىمال سۆھبەتلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى سودا ۋە تەرەققىياتقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز تارىخ ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، توغرا يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 −تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان خەلقئارا مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە

 پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

 −ئوچۇق تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 −يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىدىغان تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەش كېرەك. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىشتىن خالىي رەقەملىك ئىقتىساد مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارنى ياخشى ئىشلارغا يۈزلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش ئېقىمىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ مۇقەررەر ھالدا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو باشتىن- ئاخىر «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ بىر ئەزاسى، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە تەۋە. جۇڭگو باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىشنى پائال كېڭەيتىپ، سودا، سېلىنما، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۆزلەپ، دۇنيانىڭ تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، ئالغا باسقان گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125