ما شىڭرۇي مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدا زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
22:17:20 2024-06-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

6- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدا زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىدە قوشۇننىڭ ئىسلاھ قىلىپ تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى، دۆلەت كومپيۇتېر تورى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش مەركىزى شىنجاڭ شۆبە مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىدە، ما شىڭرۇي خەۋەرلىشىش قوماندانلىق ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، باش ئەترەتنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىپ، قوشۇننىڭ ئىسلاھ قىلىپ تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، قوماندانلىق مەركىزىدە خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، خەۋپ- خەتەردىن قورقماسلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تۈرلۈك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە، خەلقنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

6- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي دۆلەت كومپيۇتېر تورى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش مەركىزى شىنجاڭ شۆبە مەركىزىدە، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 دۆلەت كومپيۇتېر تورى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش مەركىزى شىنجاڭ شۆبە مەركىزىدە ما شىڭرۇي ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، تور بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئانالىز، تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، مەركەزنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە كۈچ سەرپ قىلىش نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توغرا تېپىپ چىقىپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، توردىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار خاتا ئۇچۇرلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تور بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تورنى باشقۇرۇش، تورنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پاكىز، تەرتىپلىك تور مۇھىتى بەرپا قىلىشىنى، پۇختا، كۈچلۈك ئۇچۇر بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125