يېمەكلىك تالاسى ھەزىم قىلىنىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئېنېرگىيە ھاسىل قىلمايدۇ، شۇڭا ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقمۇ؟
17:51:51 2024-06-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېمەكلىك تالاسى «يەتتىنچى چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنى يېنىكلىتىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ ھەم چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، گېمورروي بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 يېمەكلىك تالاسى يەنە يېمەكلىكنىڭ ھەجمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، بىزنى بالدۇرراق «تويۇش» تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈپ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىك تالاسى يەنە ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ ھالىتىنى ياخشىلاپ، نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ بىرىكىشىگە ياردەم بېرىپ، بىزنىڭ كەيپىياتىمىز، ئەستە تۇتۇش ۋە بىلىش ئىقتىدارىمىزغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 شۇڭا، بىز ھەر كۈنى 25 گىرامدىن 30 گىرامغىچە يېمەكلىك تالاسى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا «يېمەكلىك تالاسىنىڭ <ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق> بولغاندىكىن پايدىسى يوق، يېمىسەكمۇ بولىدۇ» دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125