شىنجاڭدىكى زامان- ماكان ھالقىغان بىر قېتىملىق سۆھبەت
11:22:30 2024-06-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار قارالمىلارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇق، مەردانە قەدەم تاشلاپ پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلەنگەنلىكىگە نەزەر سالدۇق!

6- ئاينىڭ 12- كۈنى «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» خەلقئارا مۇنبىرى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەردە مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قەشقەر ۋىلايىتىدە قېزىپ چىققان جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىي چېتىدىكى قەدىمكى چوڭ تىپتىكى يەر ئۈستى بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى− مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى چۆرىدىلىپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئارخېئولوگىيە، تارىخ قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈلدى، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقاتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

مۇنبەردە جۇڭگو، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ۋېنگرىيە، مىسىر، رۇسىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى، شىنجاڭ تارىخى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئۆزئارا سىڭىشىشى، غەربىي يۇرت يىپەك يولى ۋە شەرق- غەربنىڭ مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن شىنجاڭدىكى زامان- ماكان ھالقىغان بىر قېتىملىق سۆھبەتنى قانات يايدۇردى − شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار قارالمىلارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى.

مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ شېڭمىن «كىم تارىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاھالىسى: شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زاماندىكى بىر بۆلەك تارىخى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاھالىلەر قاڭشارلىق، ئورا كۆز، ھىندى- ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى تىللاردا سۆزلىشىدىغان «خۇرېن»لار، قەدىمكى زاڭزۇ- چياڭزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان چياڭلار ۋە خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا، تارىم ئويمانلىقى ئەزەلدىن تارتىپ خەنزۇ مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي.

«شىنجاڭدا بايقالغان مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بىر كۆۋرۈك سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ھەمدە شەرقىي ئاسىيانى تۇتاشتۇردى» دېدى ئامېرىكا فىلورىدا خەلقئارا داشۆسىنىڭ ئۆمۈرلۈك پىروفېسسورى يى لىدۇ.

مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق شۆيۈەنى ئارخېئولوگىيە- مەدەنىيەت يادىكارلىقى- مۇزېي فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، يىپەك يولى ۋە مىللەتلەر ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شياۋ شياۋيۇڭ مۇتەخەسسىسلەرگە يېقىنقى بەش يىلدا كوللېكتىپىنى باشلاپ مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئەھۋالىنى ھەمبەھرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن سانى كۆپ، كۆلىمى زور، تارقىلىشى زىچ بولغان بۇددا ئىبادەتخانىسى ئىمارەتلەر توپى قېزىپ چىقىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخىنى ئەمەلىي دەلىللىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ كىرگۈزىدىغان ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

مۇنبەردە، مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتا، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىن ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن بايان قىلدى، كۆز قاراشلىرىنى ھەمبەھرىلىدى. شۇنداقلا بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: كۆپ مىقداردىكى ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي ئىسپاتلار شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭخۇا مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى، غەربىي يۇرت خەلقىنىڭمۇ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن.

«يىپەك يولى شەرق بىلەن غەرب دۇنياسىنى ئەڭ بۇرۇن تۇتاشتۇرغان سودا لىنىيەلىرىنىڭ بىرى.» مىسىر قاھىرە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى مۇخسىن مۇنداق بىلدۈردى: يىپەك يولىنى بويلاپ بايلىق ۋە تاۋارلار توشۇلۇپلا قالماي، شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدا مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، دىنىي ئېتىقاد، پەن- تېخنىكا قاتارلىقلارمۇ تارقالغان.

«تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، بىز تارىختىكى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قانداق ئارىلاشقانلىقىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدۇق، بۇ ئارىلىشىشلاردىن بىز نۇرغۇن داۋلىلارنى كۆرۈۋالالايمىز، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق، مەدەنىيلىكنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشقا بولىدۇ، دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بىر- بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ» دېدى مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى، چېگرا رايون ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋېي جيەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى يادرولۇق رايون ۋە شەرق- غەرب مەدەنىيلىكى ئالماشتۇرۇلىدىغان، توپلىنىدىغان ئالتۇن يول، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ قىممەتلىك مىراسى. ئەزەلدىن تارتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر شىنجاڭدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بولۇش تەجرىبىسى بۈگۈنكى دۇنيادا يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىللەت، دىن توقۇنۇشى مەسىلىسىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كۆپچىلىك ئورتاق ھالدا مۇنداق قارىدى: كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلۇپ توپلاشقان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىختىكى شىنجاڭ بىلەن كەلگۈسىدىكى شىنجاڭ جەزمەن كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بولۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ؛ جەزمەن تۈگۈنلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدۇ؛ جەزمەن تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ؛ جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئارقىلىق رەڭگارەڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى بېيىتىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭمۇ شىنجاڭى. تارىختىكى، بۈگۈنكى، كەلگۈسىدىكى شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125