ئۇ كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىدىن پايدىلىنىپ «يېشىللىق . بىخ»نى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن كەلگەن
11:42:45 2024-06-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بېيجىڭدىن شىنجاڭغا كېلىش

ئۇ كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىدىن پايدىلىنىپ «يېشىللىق . بىخ»نى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن كەلگەن

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

«تاك، تاك، تاك» قىلغان رىتىمغا ئەگىشىپ، ئۇسسۇلچىلار بىلەكلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چەبدەسلىك بىلەن بېغىشىنى ئويناتتى، پىرقىرىدى... شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە زالىدا، 32 ياشلىق ئوقۇتقۇچى خۇ جياچېڭ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، «يېشىللىق . بىخ» ناملىق ئۇسسۇلنى قايتا- قايتا رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى، ئۇسسۇلدىكى بوينىنى ئېتىپ، كۆزلىرىنى ئويناتقان، ئوڭ- سولغا پىرقىرىغان، گاھ ھەرىكەت قىلىپ گاھ توختىغان چاغدىكى تۇيغۇ تارىخىي ماتېرىياللار، تام رەسىملىرىدە ساقلىنىپ قالغان كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىنى گويا قايتا نامايان قىلىپ تۇراتتى.

بۇ خۇ جياچېڭ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلغان ئۇسسۇل. ئۇ «بېلىق، گۈرۈچ ماكانى»دا تۇغۇلغان بولۇپ، 2014- يىلى بېيجىڭ ئۇسسۇل شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن، كېيىن بېيجىڭدا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، جۇڭگو كىلاسسىك ئۇسسۇللىرىنى ئومۇملاشتۇرغان ۋە جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتقان. تۆت يىل ئىلگىرى ئاندىن كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىغا رىشتە باغلىغان.

بىر كۈنى، داشۆدىكى ساۋاقدىشى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاڭ پېڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا، خۇ جياچېڭ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىنى قايتا نامايان قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى. «بۇ مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل قەدىمكى نەغمە- ئۇسسۇل ئىكەن.» جۇڭگو كىلاسسىك ئۇسسۇلىنى ئۆگەنگىلى كۆپ يىل بولغان خۇ جياچېڭ بۇنىڭغا بەك قىزىقىپ قالدى.

جياڭنەندە تۇغۇلغان خۇ جياچېڭ ئىلگىرى غەربىي شىمال رايونىغا كېلىپ باقمىغان بولۇپ، كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەقەت دەرسلىك كىتابلاردا ئاندا- ساندا تىلغا ئېلىنىدىغان سۆزلۈك ئىدى. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل ئۇسسۇل ئارقىلىق شەرق- غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان بىر يولنى تېپىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. جاڭ پېڭ بىلەن پاراڭلىشىش ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇنى قايتا ياندۇردى. 2020- يىلى، ئۇ ئىمتىھان بېرىپ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگو كىلاسسىك ئۇسسۇلى ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا ئۆتۈپ، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا كەلدى.

شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، خۇ جياچېڭنى بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى جەلپ قىلىپلا قالماي، قويۇق ئادىمىيەت ئۆرپ- ئادىتى ئۇنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلدى، «شىنجاڭغا كېلىپ، ئاندىن مەن بۇ جاينىڭ نېمە ئۈچۈن <ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى> دەپ تەرىپلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندىم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇسسۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئىنتايىن ساپ ئىكەن، مەيلى سەبىي بالىلار بولسۇن ياكى چاچلىرى ئاقارغان ياشانغانلار بولسۇن، خالىغان ۋاقىت، خالىغان جايدا بىر پەدە ئۇسسۇل ئوينايدىكەن. بۇ، ماڭا خۇددى يېڭى دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەندەك بولدى».

13- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇسسۇل «نېلۇپەر مۇكاپاتى» بويىچە مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى مۇكاپاتىنى باھالاشتا، جاڭ پېڭ، لى مېڭيۈ رېژىسسورلۇق قىلغان «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» پۈتۈن مەيداندا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشتى، بۇ، خۇ جياچېڭدا ئۇسسۇلنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى بولغان جايغا قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا قىلدى. «مەن ئىلگىرى بىر يىل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگەنگەن، مەكىت ناھىيەسىدە تۇنجى قېتىم مەشرەپكە قاتنىشىپ، دولان مۇقامىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدىم، پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئورۇنلىغان نومۇرلىرى چىن يۈرەكتىن چىققان بىر خىل قىزغىن مۇھەببەت ئىكەن.» ۋۇجۇدىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بۇ خىل قىزغىن مۇھەببەتتىن ئۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ كوللېكتىپنىڭ ئەزاسى دياۋ كەي سۈرەتكە ئالغان «دولان مۇقامى − مەكىت» بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى . 31- نۆۋەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو بايرىمىدا ئۇسسۇل فىلىمى بۆلىكى بويىچە ئۇسسۇللۇق كىنو ۋە ھۆججەتلىك فىلىم تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا، خۇ جياچېڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇسسۇلچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

قەدىمدىن بۇيان، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. قەدىمكى كۈسەن رايونى غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى. شۈەنزاڭ «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى»دە كۈسەنگە «ئوركېستىردىكى سازەندىلەر ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇزىكىلىرىنى چېلىشقا ئالاھىدە ماھىر»دەپ باھا بەرگەن. كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىنى دەپ كەلگەچكە خۇ جياچېڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، قالغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلى تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيىتىگە سەرپ قىلدى. ئۈچ يىل ۋاقىتتا، ئۇ كۈسەن مەدەنىيەت- سەنئىتىگە ئائىت 30 پارچىغا يېقىن كىتابنى ئوقۇپ چىقتى.

«كۈسەن قەدىمىي يىپەك يولىدىكى شەرق- غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆتەڭ بېكىتى، مەن كۈسەن مەدەنىيىتى بىلەن شەرق- غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى رەتلەپ چىقىپ، ئاندىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن تاش غارلاردىكى تام رەسىملىرىگە بىرلەشتۈرۈپ قايتا نامايان قىلىپ ئىجاد قىلىمەن.» 2021- يىلى، خۇ جياچېڭ كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلغان «شىر ئۇسسۇلى ئوينايدىغان يىگىت» ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت جەھەتتىن يۆلەش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىندى. بۇ تۈرنى ئېلىپ، ئۇ ئۇدا ئىككى يىل قىزىل مىڭئۆيگە بېرىپ ماتېرىيال توپلىدى. تاش غارلاردىكى نەپىس، گۈزەل بۇددا دىنى ھېكايىسى تام رەسىملىرى، زور مىقداردىكى نەغمە- ئۇسسۇل كۆرۈنۈشلىرى ئۇنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى. «كۈسەن تام رەسىملىرىدە نەغمە- ئۇسسۇل نامايان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر كۆپ، كۆلىمى چوڭ، مەزمۇنى ئۆزگىچە ۋە مول بولۇپ، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.» خۇ جياچېڭ كۆڭلىدە كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىنى زامانىۋى ۋاسىتە ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بەل باغلىدى.

لېكىن كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلى ئاللىبۇرۇن ئۇزاق تارىخ داۋامىدا يوقاپ كەتكەن، ھۆججەت- ئەسەرلەردە خاتىرىلىنىپ قالغىنى «بوينىنى ئېتىپ، كۆزنى ئوينىتىش، قاس چىقىرىپ، پۇتىنى ئېتىش، گاھ ھەرىكەت قىلىپ گاھ توختاش، سولغا پىرقىراش، ئوڭغا بۇرۇلۇش» قاتارلىق ھەرىكەت تەسۋىرلىرى ۋە تاش غار تام رەسىملىرىدىكى تىنچ ھالەتتىكى ئوبرازلار بولۇپ، ئۇنى مۇۋاپىق نامايان قىلىشنى قانداقمۇ ئاسان دېگىلى بولسۇن! شىنجاڭلىق سەنئەتكارلار ھېلىمۇ ياخشى بۇ ساھەدە قېتىرقىنىپ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «كۈسەن مۇھەببەت ناخشىسى» «كۈسەن سەھەر كۈيى» «لىڭگې شۈنشياڭ» «شاۋۇتانى ئىزدەش» «چيەنخۇا. مەنبى» قاتارلىق ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغانىدى. خۇ جياچېڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئوزۇق ئېلىش، ئۆرنەك ئېلىش ئاساسىدا، تام رەسىمى، ھۆججەت- ئەسەر قاتارلىق ماتېرىياللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەرىكەت ھالىتى، ھەرىكەت رىتىمىنى نامايان قىلىش جەھەتتە تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش نۇقتىسى ئىزدىدى.

«شىر ئۇسسۇلى ئوينايدىغان يىگىت» «يۈرەك تارىنى چەككەن داپ رىتىمى» «كۆك»... بۇ ئەسەرلەر خۇ جياچېڭنىڭ كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىنى قايتا نامايان قىلىش ئىجادىيىتى جەريانىدا قالدۇرغان ئىزنالىرى. 2022- يىلى، ئۇ ئاپتونوم رايوننىڭ «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش» تېمىسىدىكى ئىجاد قىلىش، تۇرمۇش ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. كۆكيار خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، خۇ جياچېڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاشتەك كۆكيار روھىدىن تەسىرلىنىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيە ئارقىلىق ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلىغا بولغان تۇيغۇسىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئىپادىلەش قارارىغا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن «يېشىللىق . بىخ» بارلىققا كەلدى.

«<يېشىللىق . بىخ> ھاياتلىق ۋە ئۈمىدكە سىمۋول قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئەنئەنىۋى بايان قۇرۇلمىسىدىن قۇتۇلۇپ، كۈسەن نەغمىسى- ئۇسسۇلى تەسۋىرلەنگەن تىنچ ھالەتتىكى تام رەسىملىرى كۆرۈنۈشلىرىدىن بېغىشنى ئىگىش، بېغىشنى ئوينىتىش، بېلىنى تولغاش، پۇتنى چېكىش قاتارلىق كۈسەن نەغمە- ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى تاللاپ ئېلىنىپ، ئاندىن جۇڭگو كىلاسسىك ئۇسسۇللىرىدىكى بەدەن ھەرىكەت ھالىتى، ھەرىكەت رىتىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاپئاق بۇلۇت، شامال، توغراق قاتارلىق تەبىئىي كۆرۈنۈشلەر ئۇسسۇل قۇرۇلمىسى شەكلىدە نامايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرنى كۆرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياشاۋاتقان يۇرتىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» خۇ جياچېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەن «يېشىللىق . بىخ»نى يەنىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە سىلىقلاپ، بىر نادىر ئەسەرگە ئايلاندۇرۇشقا ھەم ئۇنى پۈتۈن مەملىكەت سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125